تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بىلى توم ئەرلەر ئاسان دىيابىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

   خەلق تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە جامائەت ئوزۇقلۇقى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان بىر يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئەر، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 40 دىيۇم (تەخمىنەن 102 سانتىمېتىر) ، 34.7 دىيۇم ( تەخمىنەن 88 سانتىمېتىر) مدىن ئېشىپ كەتسە، ئەرلەرنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىتار بولۇش خەۋپى بەش ھەسسە، ئاياللارنىڭ ئىككى ھەسسە ئېشىپ كېتىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىلى توم ئەرلەر بىلى توم ئاياللارغا قارىغاندا دىيابېت كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بەل ئايلانمىسى 34.5~31.5 دىيۇم (تەخمىنەن 88~80 سانتىمېتر) كېلىدىغان ئاياللار بىلەن بەل ئايلانمىسى 40~37 دىيۇم (102~94) كېلىدىغان ئەرلەرنىڭ دىيابىت كېىسلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. II تىپلىق دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ %90 ىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز بولىدىكەن. شۇڭا ئادەم ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە بارغاندا بەل ئايلانمىسىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك (داس سۆڭىكى بىلەن قوۋۇرغا ئوتتۇرىسىنى ئۆلچەش) ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى