تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاراجۈن مەنزىرە رايونى

  «قاراجۈن» قازاقچە سۆز بولۇپ، « قارا چىمەنزار » دېگەن مەنىدە. قاراجۈن مەنزىرە رايونى ئىلى دەرياسى ۋادىسى تېكەس ناھىيەسىدە بولۇپ، غەربىي تەڭرىتاغدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسى ئۆتكۈنچى بەلباغقا جايلاشقان.

  قاراجۈن يايلىقى تىپىك ئېگىز تاغ چىملىق تەبىئىي يايلىقى بولۇپ، ھۆل-يېغىن كۆپ، ھاۋاسى سالقىن، تۇپرىقى مۇنبەت، ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، نەچچە يۈز خىل ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپلەر بار. قاراجۈن مەنزىرە رايونىدا ئەتىياز پەسلى كېچىكىپ، كۈز پەسلى بالدۇر يېتىپ كېلىدۇ، يىل بويى ياز بولمايدۇ، 7-، 8-ئايلارنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃18 ئەتراپىدا بولىدۇ. فوتو سۈرەتچىلىك، ئېكسپېدىتسىيە، پەن-تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان مۇقەددەس جاي، سالقىندايدىغان، كۈتۈنىدىغان، دەم ئالىدىغان گۈزەل ماكان دېيىشكە بولىدۇ.

  ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىردىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى