تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكىتىمىزدە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خىزمەتچىلەر 326 مىڭدىن ئاشتى

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى 2008-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 326 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىمتىھان ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ كەسپىي ئىختىساسلىقلار مەھەللە مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي ياردەم، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەير-ساخاۋەت، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، پىسىخىكا ساغلاملىقى، تۈزەش، ياردەم بېرىش ۋە تەربىيەلەش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە تارقالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بويىچە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

   6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر قايسى جايلاردا ئېلىندى.

   خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۇ چاۋشى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ئىمتىھان رايونى پايتەخت تېببىي داشۆ قارمىقىدىكى تېببىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2018-يىلى مەملىكىتىمىزدە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئومۇمىي سانى 424 مىڭ 500 ئادەم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.6 كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، جاڭسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدە ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى