تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتۇش بەلكىم راك كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

 

   راك كېسىلى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىمىز ناچار تۇرمۇش ئادىتى. ئەمما تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بىر قىسىم راك كېسىلى بىمارلىرىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىك ــــ C تىپلىق مىجەز بار ئىكەن. بۇ خىل مىجەزدىكى كىشىلەر «ياخشىچاق» لارغا ئوخشايدىكەن، ئۇلار توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن قورقىدىكەن، نېمىلا ئىش بولسا دەردىنى ئىچىگە يۇتىدىكەن، پاسسىپ كەيپىيات ۋاقتىدا يوقىتىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردا بىر قاتار چېكىنىش ئىپادىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، مەسىلەن: ئۆزىنى زىيادە چەكلەيدىغان، باشقىلارغا يول قويىدىغان، باشقىلارنى خۇش قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن قورقۇپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىدىغان، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشقا قۇربى يەتمەي ، ئۈمىدسىزلىنىدىغان ۋە ياردەمسىز قالىدىغان، كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە چەكلەيدىغان، تولىمۇ ئېھتىياتچان بولىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنچى بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.

  ئادەم ئۇزۇن مەزگىل كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى چەكلىگەن ھالەتتە تۇرسا، پاسسىپ ئېنېرگىيە كۆڭۈلدە يىغىلىپ، ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تەڭپۇڭسىزلىنىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىدىغان C تىپلىق مىجەزدىكى كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئۇنداقتا بەزى ئادەملەر ئۆزىنى تۇيۇق يولغا قىستاشقا رازىكى، نېمە ئۈچۈن ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەپ چىقىرىۋېتەلمەيدۇ؟ كۆڭلىدىكىنى زىيادە يوشۇرىدىغان مىجەز ئادەتتە مۇھەببەت يېتەرلىك بولمىغان ئۆسۈپ-يېتىلىش تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىر ئادەم كۆڭلىدىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالمىسا، ئۇ بارلىق مۇناسىۋەتلەردە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولىدۇ. ئۆ ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا رازىكى، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ پىكىر بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار تاشلىۋېتىلىشتىن بەكلا قورقىدۇ. ئادىل بولمىغان مۇناسىۋەتكە يۈزلەنگەندە، ئۇلار ئۆزىنى شۇنداق توختىتىۋالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كۆڭلىنى ئازابلىق كەيپىيات ئىزچىل قىينايدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قايتا-قايتا ئازار ۋە كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇشتەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش جەريانىدا، ئادەملەرنىڭ ئۆز ئۆزىگە بولغان باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۆز ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن راك مىجەز بارا-بارا شەكىللىنىدۇ.

  ئۇنداقتا بۇ چەمبەر ھالىتىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغان چارە بارمۇ؟ مەسىلىنى تونۇش بىرىنچى قەدەم. سىز ئۆزىڭىزدىن: ئەگەر بىر ئايلىق ئۆمرۈم قالغان بولسا، مەن يەنە ھازىرقىدەك تۇرۇشىم كېرەكمۇ؟ دېگەن سوئالنى قايتا- قايتا سوراڭ. ئۆزىڭىزگە ھەر ۋاقىت نۇرغۇن ئىشلارنى ھازىر قىلمىسام ، كېيىن قىلىدىغانغا مەڭگۈ پۇرسەت بولماسلىقى مۇمكىن، دېگەننى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ھاياتلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتسىڭىز ھەم تۇتالىسىڭىز، ئۇنداقتا مۇھىم بولمىغان كىشىلىك مۇناسىۋەتكە زىيادە كۈچەپ كەتمەيدىغان بولىسىز. ئىككىنچى قەدەم بولسا، ئۆز كۆڭلىدىكى راست گەپنى دېيىش. ئەزەلدىن ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ باقمىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى خەت ئارقىلىق يېزىپ چىقىڭ، ئەگەر راستتىنلا ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىمۇ مۇشۇ گەپلەرنى دېيەلمىسىڭىز پۇشايمان قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىڭ. ھازىرقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۆڭلىڭىزدىكىنى ئىپادىلەشنى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۈچىنچى قەدەم بولسا، ھەرىكەت. بىخەتەر مۇھىتتىن بىرنى تېپىپ، ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان بىر قانچە ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ، كۆڭلىڭىزدە ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرىڭىزنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، ئويلىغىنىڭىزدەك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىڭ. سىز بۇنىڭ ئىچىدىن ئاستا-ئاستا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تاپالايسىز، ئۆزىڭىزگە خاس ئېنېرگىيەنى بايقىيالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىڭ، سىز باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئەرزىيسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى