تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تەڭتۇشلاردىن چوڭ چىراي كۆرۈنۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى

   ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە بارغانسېرى بوشاپ، ياش چوڭ كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئۇنداقتا تېرە نېمە سەۋەبتىن قېرىيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ياش تۇرۇپلا قاراشقا تەڭتۇشلىرىدىن چوڭ چىراي كۆرۈنىدۇ؟

   يۈز تېرىسى بوشاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى:

   بىرىنچى، تېرە ئاستى ياغ توقۇلمىلىرى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن ۋە قىسمەن جايغا يىغىلىپ قالغانلىقتىن.

   ئىككىنچى، ئۇزۇن مەزگىل ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن.

   ئۈچىنچى، چىراي مۇسكۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تېرىگە بولغان زىيىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن.

   تۆتىنچى، تولۇقلىمىلار ئېلاستىكىلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئېغىرلىق كۈچى مەنبەلىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن.

   ياشقا چوڭ كۆرۈنۈشنىڭ سەۋەبى:

   بىرىنچى، يۈز قىسمى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كېتىش.

   ئىككىنچى، يۈز نىسبىتى چىراي يېشىنى بەلگىلەيدۇ. پىشانىدىن قاشقىچە، قاشتىن بۇرۇننىڭ ئۇچىغىچە، بۇرۇننىڭ ئۇچىدىن ئېڭەككىچە 1.3:1:1 نىسبەتتە بولسا، چىراي ئەڭ ياش كۆرۈنىدۇ.

   ئۈچىنچى، قورۇق ئادەمنى ئاسانلا قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تېرە يىرىكلىشىدۇ، قۇرغاقلىشىدۇ، سۇ كەمچىل بولىدۇ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقۇتۇپ ئاسانلا قورۇق چۈشىدۇ.

   تۆتىنچى، تېرە مەسىلىسى. مەسىلەن، تېرە بوشىشىش، تېرە خۇنۈكلىشىش، تېرە يىرىكلىشىش، داغ چۈشۈش قاتارلىقلار ئاسانلا سىزنى تەڭتۇشلىرىڭىزدىن قاراشقا چوڭ كۆرسىتىپ قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى