تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا «2018-2019-يىللىق كۆك ئاسمان قوغداش ئۇرۇشى نۇقتىلىق رايونلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش لايىھەسى» نى تارقىتىپ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى باشلىدى.

   ھازىر ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي ھەمدە ئەتراپىدىكى رايونلار، فېنجى-ۋېيخې تۈزلەڭلىكى ھەمدە ئۈچ بۇرجەك رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى داۋاملىق ياخشىلاندى، ئەمما قىسمەن رايونلاردا بۇلغىنىش يەنىلا ئېغىر بولماقتا.

   ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچ، نۇقتىلىق ۋاقىت ۋە نۇقتىلىق ساھەنى نازارەت قىلىپ كۈچەيتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، تىرانسپورت قۇرۇلمىسى ۋە يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت تۆت نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەھۋالى، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى رەتكە سېلىش ئەھۋالى، پاكىز ئىسسىنىش ھەمدە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق 13 تۈرلۈك نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ مەسئۇل مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلىنىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاياغلىشىدىغان بولۇپ، جەمئىي 18 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئىشلىتىلىدۇ.

   بۇ مەسئۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس نازارەت قىلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل. رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس نازارەت قىلىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا ھەر قايسى شەھەرلەرگە ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىش تىزىملىكىنى چۈشۈرۈپ، خىزمەت تاپشۇرۇشنىڭ ۋاقىتچانلىقى كۈچەيتىلىدۇ. ھەر ئىككى نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بىر ھەپتە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەسىلىلىرىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ، دەل جايىدا تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى