تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلاردا كۆرۈلگەن تەشۋىشلىك ئالامەتلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

 

    ئائىلە باشلىقلىرى دائىم دېگۈدەك: تەشۋىشلىك چوڭلارنىڭ ئىشى، بالىلاردا بېسىم بولمايدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق، دەپ قارايدۇ. يېقىندا ئامېرىكىدىكى «ئاكتىپ ئېنېرگىيە» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن، بالىلاردا تەشۋىشلىك كەيپىياتى يوشۇرۇن ھالەتتە بولىدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.

  مەكتەپكە بېرىشنى خالىماسلىق. ئەگەر بالىڭىز ئىزچىل مەكتەپكە بېرىشنى ياخشى كۆرسە ھەمدە مەكتەپتىكى ئىشلارنى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئورتاقلاشسا، كېيىنچە مەكتەپنىڭ گېپى چىقىپلا قالسا بىئارام بولسا، مەكتەپكە بارىدىغان چاغدا قورسىقىم ئاغرىۋاتىدۇ، رۇخسەت سورايمەن .. دېگەندەك باھانىلارنى كۆرسەتسە ئاتا- ئانىلار دىققەت قىلىشى كېرەك. دەرھال بالىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبنى تېپىپ چىقىڭ.

  بەدىنى بىئارام بولسا. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەسىر يېتىپ، بالىدا تەشۋىشلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەندە بەدىنى بىئارام بولىدۇ ۋە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىش، مەيدىسى ئاغرىش، يۈرەك قوزغىلىش، باش قىيىش، چىچىنى قاماللاش، قوۋۇزىنى چىشلەش، تىرنىقىنى چىشلەش، قەۋزىيەت، ئىچ سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، كونا يۆتەل، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئېغىز قۇرۇش قاتارلىقلار. بالىدا يۇقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، بالىدىن قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى سوراش ئارقىلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

  قاتتىق غەزەپلىنىش. تەشۋىشلىك ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىدىكى جىددىي ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدىغان بولغاچقا، كەيپىيات بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلاردىكى تەشۋىشلىكنىڭ يەنە بىر روشەن ئالامىتى بولسا، ھىلىلا خۇشاللىقىدىن قىن- قىنىغا پاتمىغان بالا بىردەمدىلا غەزەپ ئاچچىقى كېلىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئىشلار بالىلارنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، مەسىلەن: بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى كەيپىيات تۇراقسىزلىقى، تەڭ ياشتىكىلەر بىلەن بولغان رىقابەت، ئۆگىنىش بېسىمى ئارتىپ كېتىش قاتارلىقلار. بۇ چاغدا ئاتا- ئانىلار بالىغا ئاچچىقلىنىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. تەشۋىشلىك كۆرۈلسۇن-كۆرۈلمىسۇن كەيپىياتنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، زۆرۈر بولسا بالىلىرىنى پىسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىشى كېرەك.

  كوللېكتىپ پائالىيەتنى رەت قىلىش. بالىڭىز بۇرۇن كوللېكتىپ پائالىيەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولسا، لېكىن تۇيۇقسىز بېرىشنى خالىمىسا، بۇ بەلكىم بالىڭىزنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ياكى يېڭى قىزىقىشىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ياكى بولمىسا تەشۋىشلىك كەيپىياتىنىڭ چاتاق تېرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بالىڭىزدىن نېمىشقا كوللېكتىپ پائالىيەتكە بېرىشنى ئانچە خالىمىغانلىقىنى سورىسىڭىز، ئۇ بەلكىم سىزگە رازى بولغۇدەك جاۋاب بەرمەسلىكى مۇمكىن ھەم جاۋاب بېرىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،دەپ قارىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا بالىڭىزنىڭ بۇنداق قىلىش سەۋەبىنى ئەستايىدىل ئويلىشىشىڭىز كېرەك.

  كارۋىتىغا سىيىپ قويۇش. ئەگەر بالىڭىز دائىم ئورنىغا سىيىپ قويسا، كەيپىيات مەسىلىسىنىڭ بالىڭىزنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك. بالىدا تەشۋىشلىك كەيپىياتى كۆرۈلسە ئادەتتە كارىۋاتقا سىيىپ قويۇش قېتىم سانى كۆپلەپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى