تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

ئەنگلىيەلىك ئايال ئىتلىرى ئۈچۈن ئېرى بىلەن ئاجراشتى

   ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى بىر ئايال ئىت بېقىشنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىتقا ئامراقلىقىدىن يولدىشىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ھەمدە 25 يىللىق توي تۇرمۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.

   لىز بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يولدىشى مايك بىلەن توي قىلىپ بىر بالىلىق بولغان، ئۇ ئىت بېقىشنى ھەدىدىن زىيادە ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن، ھايۋانلارنى قوندۇرۇش سودىسىنى قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا تالىشىش ئىتى ئائىلىسى __ تالىشىش ئىتىنى قۇتقۇزۇپ بېقىۋالىدىغان بىر جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتىنى ئاچقان.

   ئەمما لىزنىڭ ئىتلارغا ئاراملىقى ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بولغان تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن،  مايك ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنداق تۇرمۇشتىن زېرىكىشكە باشلىغان، ھەمدە ئايالىدىن ئىت بىلەن ئۆزىدىن بىرنى تاللاشنى تەلەپ قىلغان، لىز قاتتىق ئويلاشقاندىن كېيىن، تۇرمۇشىدىن ۋاز كچىپ،  ئىت بېقىش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان.

   لىز مۇنداق دېگەن: «مايك مېنى ئىت ۋە ئۆزىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى، ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغان، ئەگەر مەن ئىت بېقىش بېلەن ئالدىراش بولمىسام، ئۆيدە قىلىدىغان ئىشىمنى تاپالماي گاڭگىراپ قالىدىكەنمەن، مېنىڭ ئىت بېقىشقا بولغان قىزىقىشىم مايكقا بولغان ھېسسىياتىمدىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن»

   ئىگىلىنىشىچە، نەچچە يىلدىن بۇيان لىز ياردەم قىلغان ئىتنىڭ سانى 200دىن ئاشقان، بايرام كۈنلىرى باشقىلارنىڭ ئىتلىرىغا قاراپ تاپقان پۇلىنى بېقىۋالغان ئىتلىرىنىڭ خىراجىتىگە ئىشلەتكەن، مۇشۇنداق بولسىمۇ، لىز يەنىلا قەرزگە بۇغۇلغان.

  لىز ئىجارە ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى ئۇنى بىر يىل ئىچىدە ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما لىز ناھايىتى تەمكىن ھالدا: «مەن نۇرغۇنلىغان ئىتلارغا يىڭى ئائىلە ئاتا قىلدىم، بۇ مېنىڭ تاللىشىم، مەن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى