تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ۋە يانفون ئويناش كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ

 

    بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇن مەزگىل كومپىيۇتېر ۋە يانفون ئويناش كۆرۈش قۇۋۋىتىمىزنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى. كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى ئامبولاتورىيەدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ قالدى، ئۇزۇن مەزگىل كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە ۋە يانفوندا خىزمەت قىلغاندا، كۆزنى يۇمۇش قېتىم سانى ئازىيىپ، تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىدۇ، خىزمەت بېسىمى ئېغىرراق كىشىلەر توپى ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىپ، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشتىن باشلىشى كېرەك.

  قوراللىق ساقچى قىسىم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك باش ئەترەت دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شياڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى ئامبولاتورىيەدە كۆرۈلىدىغان بىرىنچى چوڭ كېسەللىككە ئايلىنىپ، پۈتۈن كۆز كېسەللىكلىرى ئىچىدە %10 نى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامىتى كۆز قۇرۇش، چارچاش، يات ماددا باردەك ھېس قىلىش، كۆز ئىششىپ ئاغرىش، يورۇقلۇقتىن قورقۇش، كۆز قىزىرىش قاتارلىقلار.

  شياڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىكى ھەر قانداق بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن ياش سۇيۇقلۇقى سۈپىتى ياكى ياش مىقدارىنىڭ بىنورماللىقى ياكى دىنامىكىلىق نورمالسىزلىقنىڭ ياش پەردىسىنىڭ تۇراقلىقىنى چۈشۈرۈىۋەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆز بىئارام بولۇش ۋە كۆز سىرتى توقۇلمىسىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشتەك كۆپ خىل كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى، بۇ خىل كېسەللىك يەنە مۈڭگۈز بىرىكتۈرگۈچى پەردە قۇرغاقلىشىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆز قۇرغاقلىشىش، ئاسان چارچاش، كۆز قىچىشىش، يات ماددا باردەك ھېس قىلىش، كۆيۈشكەندەك ئاغرىش، يىپىشقان ماددا ئاجرىلىش، شامالدىن قورقۇش، يورۇقلۇقتىن قورقۇش، تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا سەزگۈر بولۇش، بەزىدە كۆزى بەك قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئاساسىي كۆز يېشى يېتىشمەسلىك، ئەكىسچە غىدىقلاش پەيدا قىلغان رېفلېكسلىق ياش سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىش سەۋەبلىك پات- پات ياش ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىرراق بولغانلىرىدا كۆزى قىزىرىپ ئىشىش، قان يىغىلىش، مۈڭگۈزلىشىش، مۈڭگۈز پەردە ئۈستۈنكى تېرىدە يىپسىمان يىپىشقاق ماددا پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل زەخمە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ مۈڭگۈز بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  شىياڭخۇي مۇنداق دېدى: گەرچە كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىكى ئەمالىقنى پەيدا قىلمايدىغان ھەمدە ئۇنچىلىك ئېغىر كېسەللىك بولمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئادەمنىڭ بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن تۇرمۇش سۈپىتى چۈشۈپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئۇزۇنغىچە ياخشى بولمايۋاتىدۇ. قىسمەن كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كەيپىياتى ناچار بولۇش، تەشۋىشلىنىش، خاتىرجەمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىراق دىيابېت كېسىلى، مۈڭگۈز پەردە ئېچىلىپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك، ۋىتامىن A يېتىشمەسلىك كېسىلى قاتارلىق پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك پەيدا قىلغان ئەگەشمە كېسەللىك كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىدىن باشقا، ھازىر نۇرغۇن كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل كومپىيۇتېر ۋە يانفوندا خىزمەت قىلىدىغانلار، كۆز يۇمۇش قېتىم سانى ئاز، تۇرمۇش رىتىمى تېز، خىزمەت بېسىمى ئېغىرلار بۇ كېسەلدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۇرمۇشتا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئورتاق كۈچ چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى، بۇلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  بىرىنچى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆزگەرتىش. مەسىلەن: ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ھاۋا نەملىگۈچنى ئىشلىتىش، يانفون كۆرۈش ، كومپىيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئىمكان بار ئازايتىش، كۆز ئارىلىقىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش، كۆزنى كۆپرەك يۇمۇپ ئىچىپ بېرىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، تۈنەشنى ئازايتىش، كەيپىياتىنى تەڭشەس، ئۈمىدۋار بولۇش، بېسىمنى ئازايتىش، خامۇشلۇق ۋە روھىي جەھەتتىن توسقۇنلۇققا ئىگە بولغانلار روھىي ھالىتىنى تېخىمۇ بەك ياخشىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، سۈنئىي كۆز سۇيۇقلۇقى تولۇقلاش. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنىڭ تۈرىگە چېتىلىدۇ، چۈنكى ئادەمنىڭ كۆز يېشى ئۈچ قاتلامغا بۆلىنىدۇ، سۇيۇقلۇق قەۋىتى ، يېپىشقاق ئاقسىل ۋە ياغ قەۋىتى. ئوخشىمىغان تۈردىكى كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىكىدە كەمچىل بولىدىغان تەركىبمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئەھۋالغا قاراپ ئەڭ ماس كېلىدىغان سۈنئىي كۆز سۇيۇقلۇقىنى تاللاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، فىزىكىلىق داۋالاش. بۇ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، ئۇۋۇلاش، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ئىسلاش، كۆز چاپلاق چاپلاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقارقى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مەيلى قايسى بىرىنى تاللاڭ چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى