تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(1)

خەلق گېزىتى ئوبزورچى ماقالىسى

   6 – ئايدىكى چىڭداۋ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، دەل – دەرەخلەر بۈك – باراقسان بولغان مەزگىل بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىگە جەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان بۈيۈك پىلان ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. شاڭخەي ھەمكارلىقى ‹‹چىڭداۋ ۋاقىت››ىغا كىردى، دۇنيا ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى››نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

   ‹‹بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى››. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى خۇلاسىلەپ ۋە ئەسلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ ئۆزگىچە قىممىتىنى مۇپەسسەل شەرھلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى بەش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ چىقىرىلغان ھۆكۈم، ئەمەلىي، سەمىمىي تەشەببۇس يېڭى پەللىدە تۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئېتىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

   ۋاقىت ئۇلۇغ خاتىرىلىگۈچى. يېڭىدىن قۇرۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشتىن تەرەققىي قىلىشقىچە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئورتاق زەربە بېرىشتىن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر سەمىمىي قول تۇتۇشۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىقتەك ئىجابىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل – ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەككىز ئەزا دۆلىتى، تۆت كۆزەتكۈچى دۆلىتى، ئالتە سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بار، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالدا دۇنيادا %20، %40نى ئىگىلىگەن بولۇپ، دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. ئەمەلىيەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

   ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن باشتىن – ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ساقلىيالىدى؟ بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب، ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەمدە ئۇنى باشتىن – ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاكتىپ ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى قوزغىغانلىقىدا. ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك ‹‹شاڭخەي روھى›› مەدەنىيەت توقۇنۇشى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش قاتارلىق كونا قاراشلاردىن ھالقىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىنىڭ يېپيېڭى بىر بېتىنى ئېچىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈندىن – كۈنگە كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇنداق روھ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دەۋر ۋە رايون ھالقىغان ھاياتىي كۈچكە ۋە قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە مەنىۋى رىشتىسىگە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىدۇ.

   ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ‹‹<شاڭخەي روھى> بىزنىڭ ئورتاق بايلىقىمىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىزنىڭ ئورتاق يۇرت – ماكانىمىز››. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان بولۇپ، قورۇقچىلىق پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرمەكتە، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بىرى پەسەيسە، يەنە بىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا، خەۋپسىزلىك تەھدىتى ھېلىھەم كەسكىن بولماقتا، دۇنيادا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. مۇشۇنداق چاغدا، بىزنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، ‹‹شاڭخەي روھى›› بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بەش تەكلىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاپا – مۇشەققەتنى بىللە يېڭىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىر مەقسەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلا بولساق، بىز ئاندىن قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا قاراپ ماڭالايمىز.

   دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى. دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ھەم ئۈمىدكە، ھەم خىرىسقا تولغان؛ كەلگۈسىمىز چەكسىز پارلاق، لېكىن ئالدىمىزدىكى يول تۈپتۈز بولۇۋەرمەيدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ‹‹شاڭخەي روھى››نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرساق، بىز دەۋرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى يېشىپ، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنى پەسەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالايمىز، بىخەتەر ۋە گۈللىنىشنىڭ نۇرىدا كىشىلەرنىڭ ئورتاق ماكانىنى يورۇتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى