تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏«خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئاي ئاخىرىدا قاتنايدۇ ‏

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ناملىق شىنجاڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە قاتنايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ يىل «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 10 نى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، خاربىن-ئالتايدا قاتنايدىغان «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىگە بىۋاستە قاتنايدىغان بىردىنبىر ساياھەت مەخسۇس پويىزى بولۇپ، خاربىن تۆمۈريولى دۆلەت ساياھەت گۇرۇھى بۇلتۇر قاتناتقان «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ئاساسىدا، پويىزنىڭ يول يۈرۈشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بۇ يىل 6-ئايدىن 9-ئايغىچە «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت پويىزىدىن 10 نى قاتنىتىشنى، خاربىن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، پۈتۈن مۇساپىگە 15 كۈن سەرپ قىلىشنى پىلانلىغان. يول بويى 10 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دىكى 33 شەھەرنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە مەنزىرىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى ئېلىمىزنىڭ ھەر جايلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھرىلەندۈرىدۇ.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كەڭلىك گىرادۇسى ئوخشىشىدۇ، تەبىئىي كىلىمات پەرقى كىچىك، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ پەرقى زور، «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت پويىزى ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقە قىلىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپىسى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى تۆت قېتىم قاتنىغان «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزى 3500 ئادەم/قېتىمىلىق ساياھەتچىنى بىۋاستە توشۇپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىكىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قاتناش پىلانلانغان 10 مەخسۇس پويىزدا 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى شىنجاڭغا بارىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىم يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەكشۈرۈش مەخسۇس پويىزى قاتناشقا تەشكىللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ تۇتاشتۇرىشى بىلەن، لىنىيە بويىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئالتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى