تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە سۆزلەنگەن سۆز

(2018–يىلى 6–ئاينىڭ 10–كۈنى، چىڭداۋ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

   كەسىپداشلار،

   مۇخبىر دوستلار،

   خانىملار، ئەپەندىلەر:

   كۆپچىلىك، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن! كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى گۈزەل خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىغا جەم بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىرىشىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق تۈزدۇق ھەم مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.

   بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، بىز ھىندىستان، پاكىستان ئەزا بولۇپ قوشۇلغاندىن بۇيان مەزكۇر تەشكىلات قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تەرەققىياتنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردۇق، بىرلىكتە ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ چىڭداۋ خىتابنامىسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى›› قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدۇق، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى››نىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يولغا قويۇش تېزىسىنى تەستىقلىدۇق. بىز ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى››نىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشكە كېلىشتۇق.

   بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: بۈگۈنكى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش ۋە زور تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىۋاتىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە تايىنىشى تېخىمۇ قويۇق بولماقتا. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۈشكۈل ۋە ئەگرى – توقاي بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر نۇرغۇن ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزى يالغۇز تاقابىل تۇرالىشى ياكى ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىلارنى ئويلىماي، پۇت دەسسەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچ ھەمكارلىشىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوچۇق، كەڭ قورساق بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئەبەدىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

   بىز بىردەك مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدۇق: خەۋپسىزلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاخباراتىنى ئالماشتۇرۇشنى ۋە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن ئاساسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى  ئافغانىستان ئالاقە گۇرۇپپىسى››نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

   بىز بىردەك مۇنداق كۆرسەتتۇق: ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە رايوننىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. ھەرقايسى تەرەپلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قوغدىشى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئېنىق، كەمسىتمەيدىغان، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر داۋاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

   بىز بىردەك مۇنداق تەكىتلىدۇق: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتى كىشىلەرنىڭ ئورتاق بايلىقى. ھەرقايسى تەرەپلەر مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سەھىيە، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

   بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى تەرەپلەر باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

   بىز بىردەك مۇنداق كېلىشتۇق: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر قىرغىزىستاننىڭ رەئىس دۆلىتىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى، كېلەر يىلىدىكى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى تەشكىللىشىنى پائال قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىدۇ.

   خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

   مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولغان ۋە باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلغان مەزگىلىدە زور كۈچ بىلەن مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، تاراتقۇلاردىكى دوستلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

   مەن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن!

   كۆپچىلىككە رەھمەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.