تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

يامغۇر گۈزەللىكىڭىزنى نامايەن قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ

    يامغۇر ياغقاندا مودا، چىرايلىق ياسانغىلى بولمايدۇ دەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە، يامغۇرلۇق يېپىنچا بولسىلا بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

    يامغۇر ياغسىلا چىرايلىق كۆينەكلىرىنى كىيەلمەي كۆڭلى بۇزۇلىدىغان خانىم-قىزلار تۆۋەندىكى يامغۇرلۇق يېپىنچىلارنى كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالسا مودا، گۈزەل ھەم ئۆزگىچە ياسىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر يامغۇرلۇق كىيىم ۋە يېپىنچىلارنىڭ ئازراقمۇ سۆلىتى يوق دەپ قارايدۇ. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كۆپىنچە يامغۇرلۇق كىيىملەرنىڭ پەقەت يامغۇر ۋە شامالدىن دالدىلىنىش رولىغىلا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىپ لايىھەلەنگەن بولغاچقا، مۇشۇنداق كۆز قاراش شەكىللەنگەن.

    يازدا يېشىل، سېرىق قاتارلىق ھەر خىل رەڭدىكى يامغۇرلۇق كىيىملەرنى كىيگەندىن مودا كۆرۈنىدىغان سۈزۈك يامغۇرلۇق كىيىمىنى كىيگەن تۈزۈك. چۈنكى سۈزۈك يامغۇرلۇق كىيىمى كىيىۋالغان كىيىمىڭىزنىڭ كۆركەملىكىگە نۇقسان يەتكۈزمەيدۇ. مەيلى سۈزۈك يامغۇرلۇق كىيىمىنى كۆينەك، يوپكا ياكى ئىشتانلار بىلەن كىيىڭ، ئوخشاشلا مودا ياسىنىش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى