تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18–قېتىملىق يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

«شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى

ــــ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18–قېتىملىق يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

(2018–يىلى 6–ئاينىڭ 10–كۈنى، چىڭداۋ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

   ھۆرمەتلىك كەسىپداشلار:

   6– ئايدىكى چىڭداۋ سۈرەت كەبى گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل پەسىلدە بۇ يەرگە كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىمەن. بۇنىڭدىن 2500 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇرى كۇڭزى: ‹‹يىراقتىن دوستۇڭ كەلسە خۇشال بولماي تۇرالامسەن؟›› دېگەن ئىكەن. بۈگۈن، كۇڭزىنىڭ يۇرتى شەندۇڭ يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۈيۈك تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشىمىز ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

   يەنە بەش كۈندىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 17 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، مەزكۇر تەشكىلات ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

   بىز 17 يىلدىن بۇيان ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق – ھەمكارلىق شەرتنامىسى››نى قوللانما قىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىقتەك ئىجابىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدۇق. بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

   ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى ئايرىم – ئايرىم ھالدا دۇنيادا %20 ۋە %40نى ئىگىلىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۆت كۆزەتكۈچى دۆلىتى، ئالتە سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بار ھەمدە ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن كەڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى، كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى باشتىن – ئاخىر ساقلىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئۇ ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە باشتىن – ئاخىر ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ، مەدەنىيەت توقۇنۇشى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش قاتارلىق كونا قاراشلاردىن ھالقىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىنىڭ يېپيېڭى بىر بېتىنى ئېچىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈندىن – كۈنگە كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

   كەسىپداشلار!

   ‹‹كۇڭزى شەرقىي تاغقا چىقىپ شەندۇڭغا نەزەر تاشلىغان، تەيشەن تېغىغا چىقىپ جاھانغا نەزەر تاشلىغان››. دۇنيانىڭ چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشىلىشىدەك يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيلىكى، تەرەققىيات ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئېگىزگە چىقىپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى توغرا تونۇشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز كېرەك.

   گەرچە ھازىرقى دۇنيادا زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسى ھېلىھەم مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ساداسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى.

   گەرچە ھەر خىل ئەنئەنىۋى ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىنچلىقنى قوغداش كۈچلىرى ئاخىرقى ھېسابتا تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى.

   گەرچە بىر تەرەپلىمىلىك، سودا قورۇقچىلىقى، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىپادىلىرى پەيدا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ‹‹يەر شارى كەنتى›› بولغان دۇنيا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پايدا – مەنپەئىتىنىڭ بارغانسېرى گىرەلىشىپ كېتىشى، تەقدىرداش بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى.

   گەرچە مەدەنىيەت توقۇنۇشى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى قاتارلىق سەپسەتىلەر پات – پات باش كۆتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى كىشىلەر تەرەققىياتىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

   كەسىپداشلار!

   ھازىر، دۇنيا تەرەققىياتى ھەم ئۈمىدكە تولدى، ھەم خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، كەلگۈسىمىز چەكسىز پارلاق، لېكىن ئالدىمىزدىكى يول تەكشىسىز. بىز ‹‹شاڭخەي روھى››نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسلارنى پەسەيتىشىمىز كېرەك.

   ـــــ بىز ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

   ـــــ بىز ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى، گۇرۇھلار قارشىلىشىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، ئۆزىنىڭ مۇتلەق خەۋپسىزلىكىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئۇسۇلغا قارشى تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

   ـــــ بىز ئوچۇق، يۈرۈشتۈرۈلگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىيەتچىلىك، يىراقنى نەزەردە تۇتمايدىغان تار سىياسەتنى رەت قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

   ـــــ بىز باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئارازلىقىدىن، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت توقۇنۇشىدىن، مەدەنىيەت جەھەتتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىشىمىز كېرەك.

    ـــــ بىز ئورتاق مەسلىھەتلىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

   كەسىپداشلار!

   ‹‹شاڭخەي روھى›› بىزنىڭ ئورتاق بايلىقىمىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىزنىڭ ئورتاق يۇرت – ماكانىمىز. بىز داۋاملىق ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاپا – مۇشەققەتلەرنى بىرلىكتە يېڭىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىر مەقسەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

   بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش. بىز چىڭداۋ خىتابنامىسى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى يولغا قويۇش تېزىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىنى ئويلىشىپ، باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

   ئىككىنچى، تىنچلىق، خەۋپسىزلىكنىڭ ئورتاق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىشنىڭ 2019 – يىلىدىن 2021 – يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق تېزىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تىنچلىق بۇرچى›› قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرلىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرى بىخەتەرلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى  ئافغانىستان ئالاقە گۇرۇپپىسى››نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو – شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا ئەدلىيە ئىشلىرى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ۋە تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە 2000 قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم تەربىيەلەپ بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

   ئۈچىنچى، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنىڭ كۈچلۈك موتورىنى بارلىققا كەلتۈرۈش. بىز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىنى كۆزلەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ يىل 11 – ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىڭداۋدا جۇڭگو – شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى قوللايدۇ، يەنە ‹‹جۇڭگو – شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قانۇن مۇلازىمەت كومىتېتى››نى تەسىس قىلىپ، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

   مەن شۇنداق جاكارلايمەنكى، جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بانكا بىرلەشمە گەۋدىسى رامكىسىدا 30 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ قىممەتلىك مەخسۇس قەرز پۇل تەسىس قىلىدۇ.

   تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رىشتىسىنى چىڭىتىش. بىز ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلار ئالاقە لاگېرى قاتارلىق كۇرسلۇق تۈرلەرنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەھىيە، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ ئەزا دۆلەتلەرنى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تەربىيەلەش بويىچە 3000 كىشىلىك سان بىلەن تەمىنلەپ، پۇقرالارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ‹‹فېڭيۈن 2 – نومۇر››لۇق مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

   بەشىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ھەمراھلىق تورىنى ئورتاق كېڭەيتىش. بىز كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى پەسەيتىش، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

   كەسىپداشلار!

   بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو تەرەپ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى تاماملىدى ھەم بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. بۇ يەردە مەن كۆپچىلىككە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىجابىي، ئەمەلىي، دوستانە، ھەمكارلىق روھىنى كۆزلەپ، بۇ قېتىملىق يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىرغىزىستاننىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ پارلاق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ!

   كۆپچىلىككە رەھمەت.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.