تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن كۆرۈشتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ – دەريالىرى تۇتىشىدىغان يېقىن قوشنىلار. جۇڭگو – موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن جۇڭگو – موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى ئالقىشلايمەن. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىنى كۆزلەپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق نۇقتىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلىشى، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە بىر – بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقە يۈزلىنىشىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەر، ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ بېرىش – كېلىشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىر – بىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ‹‹تەرەققىيات يولى›› تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كېلەر يىلى جۇڭگو – موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: موڭغۇلىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى كۆزەتكۈچى دۆلىتى، جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو، موڭغۇلىيە، رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

   باتتۇلگا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. موڭغۇلىيە تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شەخسەن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ شەرقىي شىمال ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن. جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەت ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى موڭغۇلىيە دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان يۆنىلىش. موڭغۇلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، تەيۋەن ۋە شىزاڭ ئىشلىرىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ قاراپ، يۇقىرىقى پىرىنسىپ بويىچە تەيۋەن، شىزاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى