تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو – بېلارۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقە – ھەمكارلىقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بېلارۇسىيەنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، بېلارۇسىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو – بېلارۇسىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش جەھەتتىكى ھەمكارلىققا ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇش بىلەن سىياسىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – بېلارۇسىيە سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ھەمكارلىق تۈرلىرىدە مۇناسىپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە، مەزكۇر رايوندىكى دۆلەت ۋە خەلقلەرگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشىنى قوللايدۇ.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   لوكاشېنكو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ قالتىس ئېچىلغانلىقى ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ يىغىننى تەشكىللەش جەريانىدا نامايان قىلغان باراۋەر، دېموكراتىك بولۇش روھىنى تولىمۇ ئالقىشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بېلارۇسىيە – جۇڭگو ئومۇمىي دائىرىلىك ھەمراھ ۋە دوست بولۇپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى باشتىن – ئاخىر قوللاپ كەلدى. بېلارۇسىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد – سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

   كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھچى بولدى.

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.