تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئەنئەنىۋى دوست ھەم قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەت باشتىن – ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئىشىنىپ، بىر – بىرىنى قوللاپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، پارتىيە، ئارمىيەدىن ئىبارەت ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشى، يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىقتىساد – سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، ئافغانىستاننىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى، مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە، جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئافغانىستاندا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ ــــ ‹‹ئافغانىستانلىقلار رەھبەرلىك قىلىش، ئافغانىستانلىقلار ئىگىدارلىق قىلىش››تىن ئىبارەت سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىدە چىڭ تۇرۇشتا. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تالىبانغا تىنچلىق تەشەببۇسى ئەۋەتكەنلىكى، يېقىندا يەنە ئۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى جاكارلىغانلىقىنى ئالقىشلايمەن. جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يارىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافغانىستان مەسىلىسىنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ.

   غەنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گۈزەل مەنزىل پىلانلاندى. ئافغانىستان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئافغانىستانغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە، بولۇپمۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ. ئافغانىستان جۇڭگو تەرەپنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مۇھىم تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ئافغانىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھە ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى خالايدۇ.

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.