تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەرلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئارتىپ كەتسە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ

    ئەنگلىيە لوندون داشۆسى شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىزمەت بېسىمى ئېغىر ئەرلەرنىڭ بولۇپمۇ يۈرەك ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار بۇ تەتقىقاتنى 1985- يىلى باشلىغان بولۇپ، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، شۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ يەتتە تۈرلۈك تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 10 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 3400 دىن ئارتۇق ئادەم تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، سەكتە، دىيابېت قاتارلىق مېتابولىزىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە زىيارەت قىلىنىش ۋاقتى 13.9 يىل بولغان.

    ئىجتىمائىي ئىقتىسادى ئەھۋالى، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى خولستېرىن، تاماكا چىكىش، سېمىزلىك، ھەرىكەت مىقدارى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى قوشقاندا تەتقىقاتچىلار يۈرەك مېتابولىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەر ئوبيېكىتلارنىڭ ئىچىدە بەرداشلىق بېرىش تەلىپى يۇقىرى، خىزمەت مىقدارىنى كونترول قىلىش تەس بولغان خىزمەت بېسىمى ئېغىر ئەرلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ بۇ خىل بېسىم يوق ئەرلەرنىڭكىدىن %68 يۇقىرى  بولىدىغانلىقىنى، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام، قان بېسىم ۋە خولستېرىن سەۋىيەسى نورمال بولغان يۈرەك مېتابولىزىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەردىمۇ بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى