تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ دالا پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك

     بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى، پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى  تەنتەربىيە پەن –تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن ئورتاق تەتقىق قىلغان مەملىكەت بويىچە تۇنجى «ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار (ئۈچ ياشتىن ئالتە  ياشقىچە بولغان بالىلار )نىڭ ھەرىكەت قوللانمىسى» 6- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر قوللانمىنىڭ نىشانى ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ساغلام بالىلار بولۇپ، ئېلىمىز بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت كۆرسەتمە پىرىنسىپى ۋە كونكرېت مىقدارى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىپ بېرىلدى.

     «قوللانما» دا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ  ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىشى، ئويۇننى ئاساسىي شەكىل قىلغان كۈندىلىك  ھەر خىل جىسمانىي پائالىيەت ۋاقتى 180 مىنۇتتىن ئېشىشى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك جىسمانىي پائالىيەت ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. «قوللانما» يەنە، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك دالا پائالىيىتىنىڭ 120 مىنۇتتىن ئاز بولماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى