تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەمىنلىگەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چۆجىسى» نامراتلارنى يۆلىدى

  تەڭرىتاغ تورى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۇي شياڭ، ساۋ ۋەنجىڭ خەۋىرى: -خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزگە چۈجە سوۋغا قىلغىنىغا رەھمەت، بىز بەك خۇش بولدۇق، چۆجىلەرنى ياخشى بېقىشقا ئىشەنچىمىز بار، سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويمايمىز،-6-ئاينىڭ 4-كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھەرلىك بەيچۆەن بازىرى خۇمالياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فىڭ جىگۇينىڭ جىيەن كېلىنى بەي فىڭيىڭ شۇنداق دېدى.

  فىڭ جىگۇي گاس گاچا بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆيلۈك بولمىغان. ياش ۋاقىتلىرىدا قوي بېقىپ جان كەچۈرەتتى، ئوتتۇرا ياش بولغاندا ئاغرىق سەۋەبىدىن ئەمگەك قىلالمىغان، ھازىرغىچە جىيەن كېلىنى ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

  شىخو شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، يول مەمۇرىيەت سۇ قاتناش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىگە 100 چۈجە سېتىۋېلىپ، فىڭ جىگۇينىڭ ئۆيىگە ئاپاردى ۋە چۈجە بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چۈجىدىن سىرىت يەنە تېخنىكىلىق ياردەممۇ تەمىنلىدى، فىڭ جىگۇيگە باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىتىپ چۆجىلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. نۆۋەتتە، بۇ 100 دانە چۈجە 8-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت «ئىككى كومىتېت»، كەنتنى ھۆددىگە كادىرلار، يېزا-بازار كادىرلىرى بىر توخۇنى 100 يۈەندىن سېتىۋالىدۇ. شۇنداق بولغاندا فىڭ جىگۇيگە 10 مىڭ يۈەن كىرىم كىرىدۇ. كېيىن يەنە 1800 يۈەنگە ئىككىنچى قارارلىق چۆجىلەر كىرگۈزىلىدۇ، 10-ئايدا فىڭ جىگۇي يەنە 10 مىڭ يۈەن كىرىم تاپىدۇ.

  بۇ چۈجىلەرنىڭ ھەممىسى تەخمىنەن بىر كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، باھاسى 18 يۈەن، ئىككى ئايدا بازارغا سالسا بولىدۇ. چۆجىنىڭ پۇتىغا پۇت ھالقىسى سېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار پۇتىدىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق توخۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، باققۇچىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.

  فىڭ جىگۇي خۇمالياڭ كەنتىدىكى نۇقتىلىق يۆلەش ئوبىيكتى بولۇپ، ئەگەر يۇقىرىدىكى ھېسابات بويىچە ماڭالىسا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر باشقا نامرات ئائىلىلىكلەرگىمۇ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چۆجىسى» بېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى