تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

توققۇزتوما كەنتىدە ياڭرىغان شادلىق ساداسى

    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نىياز راخمان، رېشىت مەخمۇت خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى توققۇزتوما كەنتىنىڭ پائالىيەت مەيدانى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بۆلەكچىلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، پائالىيەت مەيدانى ھەر مىللەت ئاھالىلەر، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرى بىلەن لىق تولغانىدى. بۇ كۈنى ئاقسۇ غەربىي يۇرت چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام يېزا توققۇزتوما كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كومىتېتى بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدا «ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش؛ قىزىل ناخشا ئېيتىپ، پارتىيەگە مىنەتدارلىق بىلدۈرۈش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئەدەبىيات–سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەت مەيدانى ھەر مىللەتتىن بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى بىلەن بۆلەكچىلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى.

    پائالىيەت ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، كۆپچىلىك دۆلەت تىلىدا دۆلەت شېئىرىنى جاراڭلىق ئېيتىپ، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. ئارقىدىن دۆلەت بايرىقى ئالدىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش قەسىمى بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى بىلدۈردى.

    پائالىيەتتە، كەنتكە قاراشلىق تۆت ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپىسىدىكى 150تىن ئارتۇق ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرى يېزىپ تەييارلىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىدىكى زور ياخشىلىنىشلار تەسۋىرلەنگەن ناخشا-ئۇسسۇل، ئىتوتلارنى جانلىق ئورۇنداپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش روھىنى ئۇرغۇتتى.

    ئەل ئىچى سەنئەتكارى راخمان تىيىپ مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ياخشى بولغاچ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى كۈيلەيمىز. كادىر تۇغقانلىرىمىز بىز بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزغا ھەمدەم، دەردىمىزگە دەرمان بولدى. بىز بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

    پائالىيەت ئاخىردا، ئاقسۇ غەربىي يۇرت چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن تۇغقانلىشىشقا كەلگەن 30 نەچچە كادىر تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا گۈل تەقدىم قىلىشىپ،  چىن ھېسسىياتى ئارقىلىق تۇغقاندارچىلىق، دوستلۇق  رېشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

 

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى