تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل تۇرمۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىدىن كېلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

  بىر مەيدان يامغۇر سۈيىنىڭ يۇيۇندۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسى بۆلەكچە ئېچىلىپ كەتتى، ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردا مەيدان ئۇسسۇلى ئوينايدىغان، چېنىقىپ پىيادە ماڭىدىغان، ئاستا يۈگۈرەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. چېنىقىش مەيدانلىرى، چېنىقىش سارايلىرىدىكى ئەر-ئايال، قېرى-ياش كىشىلەر قارا تەرگە چۆمۈلۈپ چېنىقىۋاتاتتى. ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئاللىبۇرۇن ئەۋج ئېلىپ ئادەتكە ئايلانغانىدى.

  ئەر-ئايال، قېرى-ياش كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش خۇشاللىقى

  مەن 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قىزىلتاغ يېڭى ئەسىر سودا سارىيىدىكى ‹‹A مانخاتتان چېنىقىش كۇلۇبى››غا باردىم، بۇ كۇلۇبنىڭ سېتىشقا مەسئۇل خادىمى ماڭا مۇنداق دېدى: چېنىقىش كۇلۇبىغا كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇرۇن چېنىقىشقا كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ئىدى، ھازىر ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش سېپىگە قېتىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى گۇچۇڭ يولىدىكى ‹‹جيا يۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبى››نىڭ تىرېنېرى لى مىن مۇنداق دېدى: مەخسۇس ئورۇقلىتىش دەرسى تەسىس قىلدۇق، تۆت سىنىپقا 32 كۇرسانت قوبۇل قىلماقچى ئىدۇق، نەچچە كۈنگە قالمايلا كۇرسانتلار توشۇپ كەتتى، تىزىملاتقانلارنىڭ ئىچىدە %70تىن كۆپرەكى ئايال.

  دالىدا يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى ۋاڭ شىنخۇا ھەر ھەپتىدە دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ تىيانشان چوڭ جىلغىسىدىكى پىيادە مېڭىش يولىدا يۈگۈرەيتتى، يۈگۈرۈش ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئاساسلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغانىدى. ۋاڭ شىنخۇا مۇنداق دېدى: دالىدا يۈگۈرگەندە ئادەم ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، جىددىيلىشىپ كەتكەن نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرالايدۇ، تاغ چوققىسىغا چىققاندا ئادەمدە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

  پەن-تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قولايلىق ئېلىپ كەلدى

  ھەر كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا نۇرغۇن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىپ، قوللىرىغا تەنھەرىكەت سائەتلىرىنى، قۇلاقلىرىغا لەنيا نائۇشنىكىنى تاقاپ، سەھەرلىك چېنىقىشىنى باشلايدۇ.

  يېقىندا، شەھەر ئاھالىسى لى جيەن ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كەسپىي يۈگۈرۈش ئايىغى سېتىۋالدى، لى جيەن مۇنداق دېدى: گەرچە باھاسى قىممەترەك بولسىمۇ، قېقىلىشنى يەڭگىللىتىش ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن، خەلق باغچىسىنىڭ يوللىرى سېمونت، بۇنداق قاتتىق يەرلەردە يۈگۈرگەندە، تىزنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  لى جيەن يەنە تەنھەرىكەت سائىتى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك رىتىمى، يۈگۈرۈش تېزلىكى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەپ، يۈگۈرۈش ھالىتىنى تەڭشەيدىكەن.

  ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان تۇڭ تيەن ھەر كۈنى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ باغچە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىكى ‹‹ئۈندىدار ھەرىكىتى›› ئەپ دېتالى ئۆزى ۋە دوستلىرىنىڭ كۈندە ماڭغان قەدەم سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كۆپچىلىكنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرالايمەن، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۆزئارا بىر – بىرىمىزنى ئالقىشلىيالايمىز، بۇمۇ بىر خىل ئىلھام بېرىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزىمىزنىڭ ماڭغان قەدەم سانىمىزنى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە ئىئانە قىلالايمىز ھەم بەدەن چېنىقتۇرالايمىز، بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش دېگەن شۇ. تۇڭ تيەن كۈندە 10 مىڭ قەدەم مېڭىشنى نىشانلاپتۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق ماڭىدىكەن.      

  بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى

  65 ياشلىق باۋ فېڭچىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ھازىر ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندىن سىرت، ھەر كۈنى باغچىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندى.

  باۋ فېڭچىن مۇنداق دېدى: تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى، تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش نۇرغۇن كىشىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى جەمئىي 390 ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسىنى تەربىيەلەپ، يۇقىرى ساپالىق ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 38 مىڭدىن كۆپ ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسى بار.

  مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە 2013-يىلىدىن باشلاپ، مەھەللىلەردە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەسى ئورنىتىلغان يول بويى چېنىقىش ئورنىدىن 1800 ى، ئەتىگەنلىك، كەچلىك چېنىقىش نۇقتىسىدىن 1100 ى بار، يەنە ئۈچ يەردە تەنتەربىيە باغچىسى بار. ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا، ھەرقايسى مەھەللىلەرگە يۈگۈرتكۈ، ماگنىت كونتروللۇق ئۆرە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئۆي ئىچى چېنىقىش ئۈسكۈنىسى، ئۆي سىرتى تىكتاك توپ ئۈستىلى، پەيتوپ سېتكىسى، گار، چويلا توپ سېتكىسى، چېنىقىش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەنتەربىيە چېنىقىش سايمانلىرى ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، بۇلار مەھەللىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، مەيدان شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئورنىتىلىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى لى چېن مۇنداق دېدى: بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى بەدەن چېنىقتۇرغۇچىلارنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى، باغچىدىكى چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ياخشىلىنىپلا قالماي، مەھەللىدىكى چېنىقىش سايمانلىرىمۇ كۆپىيىپ قالدى، كىشىلەر مەھەللىدىن چىقمايلا بەدەن چېنىقتۇرالايدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ھازىرقى ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئاۋامغا تېخىمۇ يۈزلەندۈرۈلدى، مەھەللىدە ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. لى چېننىڭ نەزەرىدە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشى ئىنتايىن ئومۇملاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى