تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستان زۇڭتۇڭى، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ۋە ھىندىستان زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چىڭداۋدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم رەسمىي ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو – پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى بولدى. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئۈلگە بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك جەھەتتە ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىيات يولىنى تاللىشىغا مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەك پاكىستان بىلەن ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ، ھەتتا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

    ھۈسەيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پاكىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەقىقىي ھەمراھى، پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەۋرىنىپ قالمايدۇ. پاكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىقتىساد-سودا، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ماسلىشىشنى خالايدۇ. پاكىستان جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، بۇنىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چىڭداۋدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى قوشنا، سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىشىدىغان ياخشى دوست، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ياخشى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئۆزبېكىستان تەرەپمۇ بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى ۋە يولغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات – گۈللىنىش يولىدا ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزبېكىستان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەت. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى پۇختا راۋاجلاندۇرۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەبلەغ سېلىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  مىرزىيويېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئۆزبېكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى ھەم تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئۆزبېكىستان-جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى ئورتاق تونۇش ئەمەلىيلىشىپ، ئۆزبېكىستان خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ئۆزبېكىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى رامكىسىدا جۇڭگو بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، مەزكۇر رايوننىڭ ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چىڭداۋدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دوست قوشنا دۆلەت، ئۇزاقتىن بۇيان سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا مول مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىككى دۆلەت داۋاملىق ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ دوستانە ئىشلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول ››نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگو  تاجىكىستان ھەمكارلىقىدىكى ئاساسىي لىنىيە بولۇپ قالدى. كېيىنكى باسقۇچتا، ئىككى تەرەپ سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ۋە چېگرا ھالقىپ تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستاننىڭ بۇ يىل ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلەتلىكىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قوللايدۇ، تاجىكىستاننىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشىغا ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

   راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قىلغان ياردىمىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. تاجىكىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، مەزكۇر رايون ئىشلىرىدا جۇڭگوغا قويۇق ھەمكارلىشىدۇ، 2030-يىلىدىن ئىلگىرى تاجىكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. تاجىكىستان تەرەپ ‹‹نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغانسېرى بىز <شاڭخەي روھى>نى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك›› دېگەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چىڭداۋدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، مەن زۇڭلى ئەپەندىم بىلەن ۋۇخەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىرەسمىي ئۇچرىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشكە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىجابىي كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى ۋە ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىللە، ۋۇخەن ئۇچرىشىشىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-ھىندىستان ۋۇخەن ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن دەسلەپكى مەزگىللىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئىقتىساد-سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالىمەن. جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىللە، ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ۋۇخەندىكى بىرەسمىي ئۇچرىشىشىم ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ، ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىش بولۇپ، مېنىڭ ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئىشەنچىمنى يەنىمۇ چىڭىتتى، بۇ، ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. ھىندىستان-جۇڭگو ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ھىندىستان تەرەپ ۋۇخەن بىرەسمىي ئۇچرىشىشى ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ھىندىستان يېڭى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  ئۇچرىشىشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن مودى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھچى بولدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.