تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 4-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن چىڭداۋدا جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 4-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، كېيىنكى باسقۇچتا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋەزىپە ۋە يۆنىلىشنى ئورتاق پىلانلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈچ دۆلەت جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، رۇسىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئاسىيانى ھالقىغان چوڭ يول قۇرۇلۇشى، موڭغۇلىيەنىڭ ‹‹تەرەققىيات يولى›› تەشەببۇسىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزئارا قوشنا بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ھەمكارلىقنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە قوشنا، ئۆزئارا ئەنئەنىۋى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇپ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ۋە ياخشى ئاساسقا ئىگە. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىشىشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش يولىدا مېڭىپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق بويىچە ئۈلگە تىكلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىشىش چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشلامچى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ‹‹جۇڭگو، موڭغۇلىيە، رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى يىرىك پىلان پىروگراممىسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۈچ دۆلەتكە قوشنا رايونلارنىڭ ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، موڭغۇلىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، موڭغۇلىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قارشى ئېلىش كېرەك.

  پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە، جۇڭگو، موڭغۇلىيەنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. مەن رۇسىيە، جۇڭگو، موڭغۇلىيە ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. رۇسىيە ئۈچ تەرەپنىڭ قاتناش-تىرانسپورت، ئۇل ئەسلىھە، تاموژنا ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۈچ دۆلەت ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  باتتۇلگا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو، رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى مەڭگۈلۈك قوشنا دۆلەت بىلەن بولغان دوستلۇق – ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش موڭغۇلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم فاڭجېنى. موڭغۇلىيە جۇڭگو، رۇسىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو، موڭغۇلىيە، رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە تىرانسپورتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.