تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىكى قەدەھ سۆزى

(2018–يىل 6–ئاينىڭ 9–كۈنى، چىڭداۋ)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

ھۆرمەتلىك كەسىپداشلار،

 مېھمانلار،

خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

  كۆپچىلىك، كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

  ھەرقايسىڭلار بىلەن خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان شەندۇڭ چىڭداۋدا جەم بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، جۇڭگوغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى، مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

  شەندۇڭ كۇڭزىنىڭ يۇرتى ۋە كۇڭزىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى. كۇڭزىچىلىق ئىدىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. كۇڭزىچىلار ‹‹يۈكسەك غايە ئومۇملاشسا، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ›› دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ، ‹‹دۆلەتلەر ئىناق، ماسلىشىپ ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا، ھەممە يەر ئۆز ئۆيۈڭدەك بىلىنىدۇ›› دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنداق ‹‹تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق›› ئىدىيەسى بىلەن ‹‹شاڭخەي روھى›› نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشلىققا ئىگە. ‹‹شاڭخەي روھى›› ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەرلىك، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى تەكىتلەپ، خەلقئارادا كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ۋە قوللاشقا ئېرىشتى.

  ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ يېتەكلىشىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، مېخانىزم قۇرۇلۇشى جەھەتتىمۇ تارىخىي خاراكتېرلىك قەدەم باستى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەككىز ئەزا دۆلىتى، تۆت كۆزەتكۈچى دۆلىتى، ئالتە سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بار، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
  چىڭداۋ مەشھۇر ‹‹يەلكەنلىك كېمە شەھىرى››، نۇرغۇن كېمە دەل مۇشۇ يەردىن ئارزۇ – ئارمانلارنى قوغلىشىپ يەلكەن تارتىپ يولغا چىقىدۇ. ئەتە، بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزىمىز.
   بىز چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش پەللىسى قىلىپ، ‹‹شاڭخەي روھى›› يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى بىرلىكتە باشلايلى!
    ئەمدى كۆپچىلىكنى بىرلىكتە قەدەھ كۆتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن،
   چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىشى ئۈچۈن،
   ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى، خەلقلىرىنىڭ بەختلىك، ئامان، ساغلام بولۇشى ئۈچۈن،
   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن،
   مېھمانلار ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن،
   قەدەھ كۆتۈرەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى)                

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.