تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل رەھبەرلىرىنى قارشى ئالدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى.
سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلماقتا.                     

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى.
سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ‹‹گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، گۈللەنگەن دەۋر›› ناملىق چوڭ رەسىمنىڭ ئالدىدا چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل رەھبەرلىرىنى قارشى ئالدى.

    6-ئايدىكى چىڭداۋدا تاغلار يېشىل، دېڭىز سۈيى سۈزۈك ئىدى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزى چىراغلار چاقناپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى بىلەن بىرلىشىپ، بەئەينى رەسىمدەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
    كەچ سائەت 7 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى كەينى – كەينىدىن يېتىپ كەلدى. ئاپتوموبىل ئەترىتى دېڭىز ساھىلى يولىنى بويلاپ تەرتىپ بويىچە ئىلگىرىلىدى، ئەزىز مېھمانلار چىراغ نۇرى چۈشۈپ تۇرغان قىزىل پاياندازدا زىياپەت زالىغا ماڭدى، ھەرقايسى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بايرىقىنىڭ سۈرىتى زىياپەت زالى ئىشىكىدە بىر – بىرلەپ كۆرۈندى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا شۇ جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىزغىن كەيپىياتتا قولىدىكى دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، گۈللۈك پۆپۈك، يالتىراق تاياقچىنى پۇلاڭلىتىپ، شاد – خۇرام ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، جاي – جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
     شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ‹‹گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، گۈللەنگەن دەۋر›› ناملىق چوڭ رەسىمنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
     چىراغلار چاقناپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن زىياپەت زالى مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى. يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى.
    شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەندۇڭ كۇڭزىنىڭ يۇرتى ۋە كۇڭزىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى. كۇڭزىچىلىق ئېقىمىدىكى ‹‹تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق›› ئىدىيەسى بىلەن ‹‹شاڭخەي روھى›› نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشلىققا ئىگە. ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ يېتەكلىشىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، مېخانىزم قۇرۇلۇشى جەھەتتىمۇ تارىخىي خاراكتېرلىك قەدەم باستى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭداۋ مەشھۇر ‹‹يەلكەنلىك كېمە شەھىرى››، نۇرغۇن كېمە دەل مۇشۇ يەردىن ئارزۇ – ئارمانلارنى قوغلىشىپ يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىدۇ. ئەتە، بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزىمىز. چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى باشلىنىش پەللىسى قىلىپ، ‹‹شاڭخەي روھى›› يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى بىرلىكتە باشلايلى. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)
    زىياپەت ئازادە، قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، مەزكۇر رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى، خەلقلىرىنىڭ بەختلىك، ئامان، ساغلام بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك – غەلىبىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
    زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەت زالىنىڭ سىرتىدىكى تاماشا سۇپىسىدا، فۇشەن قولتۇقى دېڭىزىدا ئورۇنلانغان ‹‹يىراقتىن كەلدى دوستلار›› ناملىق چىراغ نۇرى، ساليۇت سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.
    ئويۇن ‹‹يىراقتىكى سۈزۈك ئاي››، ‹‹شەندۇڭ مۇڭلۇق خەلق قوشىقى››، ‹‹ئاسايىشلىق دۆلەت، بەخت-سائادەتلىك خەلق››، ‹‹كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش››، ‹‹تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى›› قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەشكىل تاپقان. كېچىلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەت پايتەختلىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسىتىش بىلەن باشلاندى. جۇڭگونىڭ ئېسىل كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ يېقىملىق ساداسى، نۇر چاقناپ تۇرغان يەلپۈگۈچ يەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن قىزلارنىڭ لەرزان ئۇسسۇلى ‹‹دېڭىزدا جىلۋىلەندى سۈزۈك ئاي، دۇنيامۇ تاڭ قالدى شۇ تاپتا›› دېگەن گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. ھەر خىل شەكىلدىكى لەگلەكلەر ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىلىپ، شەندۇڭ زېمىنىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە ھەيۋەتلىك تاغ-دەريالىرىنى نامايان قىلدى. جۇڭگونىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى، پۇقرالار خاتىرجەم ياشايدىغان ھالىتى گۈللەنگەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، ئايلانما ئېكراندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان سىيماسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. يۇلتۇزلار جىمىرلىغان ئاسماندا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى ئارقىلىق كائىناتنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش گۈزەل ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، رەڭگارەڭ ساليۇتلار ئارقا – ئارقىدىن ئېتىلىپ، شەھەرنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، ئايلانما ئېكراندا تىنچلىق كەپتەرلىرى پەرۋاز قىلدى. ئېتىلغان ساليۇتلار تۆت پەسىلنى باش تېما قىلدى. يېشىللىققا پۈركەنگەن ‹‹باھار›› ھاياتىي جۇشقۇنلۇققا تولغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتلىدى، ئوتقاشتەك ‹‹ياز›› ئاۋات-شانلىق رەڭدارلىقنى گەۋدىلەندۈردى، ئالتۇن ‹‹كۈز›› مول ھوسۇل شادلىقىدىن دېرەك بەردى، ئاپئاق ‹‹قىش›› ياز پەسلىدىكى دېڭىز ساھىلىغا ئۆزگىچە سالقىنلىق بېغىشلىدى. كېچىلىك ‹‹ئاسايىشلىق دۆلەت، بەخت-سائادەتلىك خەلق›› تېمىسىدىكى يېقىملىق مېلودىيە ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.             

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.