تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ چىقارغان زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما، بۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغا يېتىش كۆزدە تۇتۇلغان زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداش كېرەك.

  بىرىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئاساسىي پىرىنسىپنى ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشتا، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە، ياخشىلاش، ھەمكارلىشىش، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشتا، ھەر دەرىجىدىكىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، يانداش تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىلىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بىر-بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈم يارىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى ئىلمىي، ياخشى تۈزۈشى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  بەشىنچى، تۈرلۈك ئىنتىزامغا قەتئىي رىئايە قىلىش كېرەك. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، ئورگان ئىشتات ئىنتىزامى، كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامى، مالىيە ئىنتىزامى، مەخپىيەتلىك ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلماي، ھە-ھۈ بىلەنلا تۈگەتمەي، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق، سىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ۋە ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.                 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى