پارقىرىمايدىغان لەۋ پەردىزى (哑光) مودىدىن قالدىمۇ؟
يېقىندا بۇ يىلقى ئەڭ مودا لەۋ سۇرۇخ پەردىزى ئېلان قىلىندى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا MATTE پارقىرىمايدىغان لەۋ پەردىزى، Glitter يۇلتۇزلۇق پارقىراق لەۋ پەردىزى، Matellie مېتال لەۋ پەردىزى ۋە Ombre تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان لەۋ پەردىزى.
MATTE پارقىرىمايدىغان لەۋ پەردىزى
پارقىرىمايدىغان لەۋ پەردىزى ئەزەلدىن مودىدىن قېلىپ باقمىدى. چۈنكى نۇرغۇن رەڭلەر پارقىراقسىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا لەۋنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كۆركەم كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا بۇنداق لەۋ پەردىزىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن لىۋىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ.
Glitter يۇلتۇزلۇق پارقىراق لەۋ پەردىزى
ئىلگىرى، پارقىرايدىغان لەۋ پەردىزىنى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سەھنىلەردە ياكى ئىجادىي پەردازلاردىلا ئۇچراتقىلى بولاتتى، ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بولسا ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايتتى. ئەمما 2018-يىلى نۇرغۇن ئاياللار رەڭلىك پەرداز گۈزەللىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى قوغلاشقانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ خىل پەرداز قىلىش ئۇسۇلى كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
Matellic مېتال لەۋ پەردىزى
مېتال لەۋ پەردىزى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچراپ كەتمەيدىغان سەھنە پەردازلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشىدۇ. بىراق، كۆپىنچە كىشىلەر مېتال رەڭلىك قاپاق سۇرۇخى ياكى لەۋ سۇرۇخنى سۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مېتال رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشنى بىلگەنلەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشىدۇ.
Ombre تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان لەۋ پەردىزى
تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان لەۋ سۇرۇخ تىلغا ئېلىنسا كۆپىنچە كىشىلەر چىشلىمە لەۋ پەردىزىنى ئىسىگە ئالىدۇ. چىشلىمە لەۋ پەردىزى گەرچە تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان لەۋ پەردىزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل بىر نەچچە خىل رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ سۈرۈش ئارقىلىق تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان لەۋ پەردىزى قىلىش مودا بولىدۇ.