تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت: جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى

  تورىمىز خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە باشقا ئېتىبار سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى بىلەن ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. 6-ئايدا شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى ئادەمگە ياقىدۇ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، ئاۋۋال شىنجاڭدسىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېتىبارلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

  ئۈرۈمچى نەنسەن جەنۇبىي مەدەنىيەت ساياھەت ئېچىش چەكلىك شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئۇقراي مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ئارقىلىق غەربىي بەيياڭگۇ مەنزىرە رايونى، شۈيشىگو بازىرى مياۋئېرگۇ ئەجدىھا شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونىدا ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى فېڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنزىرە رايونىمىزنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مودا ۋە قىزىقارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنى تەشۋىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىمىز، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا تۇرپاندىكى مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرىدا شۇ كۈنىدىن تارتىپ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بۇ يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ئارقىلىق ئېشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  يېما مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى سېتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇ شۆمېي مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ئارقىلىقلا، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى. چىلانتورۇق ئات بازىسى مەنزىرە رايونى (ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى ئالمىغانلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى نورمال بېلەت سېتىۋالىدۇ) نى ھەقسىز ساياھەت قىلالايدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، 2018-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار باغچا ئىچىدە ئىستېمال قىلغاندا، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى بىلەن %88 لىك ئېتىبارغا، نەپىس بۇيۇملار ماگىزىنىدىكى تاۋارلار، ئات كەسپىي بۆلۈمى تۈرىدە %80 لىك ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ.

  جىمسار ناھىيەسى مىڭئۆي مەنزىرە رايونىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار شۇ كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە كىملىكى ۋە 2018-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، جىمسار ناھىيەسى مىڭئۆي مەملىكەتلىك 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا ھەقسىز ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، جىمسار ناھىيەسى قاڭقىل قەدىمىي يولى ياۋا بۆرە جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئىشىك بېلىتىدە يېرىم باھا ئېتىبار قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى