تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

جۇڭگو-پولشا سودا كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن پولشانىڭ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى نامايان قىلدى

    2018-يىللىق جۇڭگو (پولشا) سودا كۆرگەزمىسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى پولشا پايتەختى ۋارشاۋا ئەتراپىدىكى نادا شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگونىڭ جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن 700 گە يېقىن كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن پولشا ئوتتۇرىدىكى سودىنىڭ تېز تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى.
    شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، پولشا پارلامېنت ئەزاسى گرىك لارىس سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پولشا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا سودا ئالاقىسى قويۇق، شەكلى ھەرخىل بولۇپ، سودا سوممىسى ھەر يىلى ئاشماقتا. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور، جۇڭگوغا ئەگىشىپ يەنىمۇ ئېچىۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
    جۇڭگونىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ گۇاڭيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-پولشا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ تېز يولغا كىردى . 2017-يىلى ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى 20 مىليارد دوللارنى بۆسۈپ ئۆتتى، پولشا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى مۇھىم سودا ھەمراھى.
    ليۇ گۇاڭيۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ كارخانىلىرى نەزەرىنى پولشاغا تاشلاپ، پولشاغا بېرىپ سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ، ھەمكارلىق ھەمراھلىقىنى ئىزدىدى. جۇڭگومۇ داۋاملىق ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ پولشا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا دىققەت قىلىشىنى ۋە چۈشىنىشىنى قارشى ئالىمىز.
    بۇ نۆۋەتلىك سودا كۆرگەزمىسىنى خاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، مىياۋلېنت خەلقئارا يەرمەنكە شىركىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تەسىس قىلىنغان جۇڭگو كارخانىلىرى كۆرگەزمە ئورنى 1400 گە يېقىن بولۇپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 28 مىڭ كىۋدرات مېتىرغا يېتىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇم 10 خىلدىن ئاشقان، بۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا رايونلىرىدا ئۇيۇشتۇرغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ داڭلىق كۆرگەزمىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى