مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، چىن يۇڭ
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى تاراتقۇلار ئاممىۋى خىزمەت رايونى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتە مۇخبىرلار بىلەن لىق تولغانىدى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ئارقا – ئارقىدىن بۇ يەرگە كىرىپ، كاتتا يىغىننى خەۋەر قىلىشقا تەييارلاندى. بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزى مۇخبىرلىق خىزمىتىمىزنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
قازاقىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى سەۋلې خىزمەتداشلىرى بىلەن بالدۇرراق كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئۇلار چىڭداۋ پىۋا مۇزېيى قاتارلىق مەيدان سىرتىدىكى زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – قازاقىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش سەپىرىدە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەشنى بىردەك قارار قىلدى، مەن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان باشلىقلار يىغىنىغا تېخىمۇ ئىنتىزار بولدۇم. ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەدە داۋاملىق چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ، بىز ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما.
‹‹چىڭداۋ گېزىتى›› گېزىتچىلىك گۇرۇھى ساھىبخان تاراتقۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن، 22 مۇخبىرنى ئەۋەتىپ، تاراتقۇ ئالدىنقى سەپ خەۋەر قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، ئۇلار كۆپ خىل شەكىلدە خەۋەر قىلىپ، باشلىقلار يىغىنى ساداسىنى يەتكۈزۈپ، چىڭداۋنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىدۇ. ‹‹چىڭداۋ سەھەر گېزىتى››نىڭ ئىجرائىيە مۇخبىرى يۈ شۈن مۇنداق دېدى: بىز كەسىپداشلارنىمۇ زىيارەت قىلدۇق، كۆپچىلىك چىڭداۋنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مېھماندوستلۇقى، سەمىمىي مۇلازىمىتىدىن رازى بوپتۇ، مەن ناھايىتى پەخىرلەندىم.
بۇ ھەقتە بىزمۇ ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە بولدۇق، ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇلازىمىتى ناھايىتى كەسپىي، مۇكەممەل ئىكەن. بۇ يەرگە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى، تاراتقۇلار خىزمەت رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش رايونى، ئاڭلىتىش ئۆيى، زىيارەت قىلىش ئۆيى ۋە ئايرىم بىۋاسىتە خەۋەر قىلىش نۇقتىسى قاتارلىق 14 فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنغان، 29 خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيەسى مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلىش، زىيارەت قىلىش، ئالاقىلىشىش، قاتناش، داۋالاش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە كاپالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاخبارات مەركىزىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تور قاپلىغان، تۆت ماشىنا ئادەم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلاتتى ــــ ئۇلار مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، بىخەتەرلىك ۋە مال يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان.
بىز تاراتقۇلار مەخسۇس خىزمەت رايونىغا شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، ‹‹جۇڭگو گېزىتى››، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ خىزمەت ئۆيلىرىدە تۈرلۈك قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، MCR رايونى يەنە ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى توپلاش، قوبۇل قىلىش، يوللاش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىش ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بىزنىڭ ئاخبارات مەركىزىدىكى خىزمەت، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. مەيلى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، مەسلىھەت بېرىش، كىتاب – ماتېرىياللارنى تەۋسىيە قىلىش ياكى يېتەكچىلىك قىلىشتا بولسۇن، پىدائىيلارنىڭ سەمىمىي تەبەسسۇمىدىن بىز تولىمۇ رازى بولدۇق؛ يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى بىزنى غەمدىن خالاس قىلدى؛ قەغەز قىيما، قىيما سۈرەت قاتارلىق بىر قاتار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاخبارات مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، بىزگە ئېستېتىك زوق بېغىشلىدى.
تېخنىكا ئارقىلىق تاراتقۇلارنىڭ خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، تاراتقۇ خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى. ئەمەلىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان ھەمراھ دۆلەتلەر قانات يايدۇرغان پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ھەمكارلىقلار ئىچىدە تاراتقۇلار ھەمكارلىقى خېلى بۇرۇنلا قانات يايدۇرۇلغان. تاراتقۇ ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش كۆزنىكى، ئەل ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ، دوستانە بېرىش – كېلىشنىڭ تېزلەتكۈچىسى.
بىز ئاخبارات مەركىزىدە نۇرغۇن كەسىپداشنى زىيارەت قىلدۇق، شۇنداقلا نۇرغۇن كەسىپداشنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردۇق. شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇخبىرلار ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئاۋمېن ‹‹جۇڭگو – پورتۇگالىيە ئىقتىساد – سودا يېتەكچىسى گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى ۋاڭ گۇيۈەن مۇنداق دېدى: باشلىقلار يىغىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم بېرىشقا ئىنتىزارمەن. ئاكام پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى بىڭتۈەندە خىزمەت قىلاتتى، مەن ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم ئىلىغا بېرىپ ئۇنى يوقلىغان، يەنە قونجىراپ پورتى ئارقىلىق پاكىستانغىمۇ بارغانىدىم. شۇ قېتىم جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چوڭقۇر تەسىراتقا، شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدىكى رايون ئەۋزەللىكى توغرىسىدا بىۋاسىتە چۈشەنچىگە ئىگە بولغانىدىم.