تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش

ـــ رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان بەش يىل

   تاغ – دەريالىرى كۆك بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ساپ ھاۋالىق، 100 يىللىق قەدىمىي شەھەر چىڭداۋ جياۋجوۋ قولتۇقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جاي – جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەمكارلىق پىلانلىرى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ.

   بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى كۆپەيگەندىن كېيىن چاقىرىلغان تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرىلىك سالاھىيىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

   ئۆتكەن بەش يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى، خەلقئارا تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

   كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى›› ناملىق بۇ پاراخوت چىڭداۋدىن قايتا يولغا چىقىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش، يۇرت – ماكاننى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ.

   ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يىراقنى كۆزلەيدىغان مەسئۇلىيەتچان پەزىلەت

   يېشىللىققا پۈركەنگەن بىشكەكتىن تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دۈشەنبىگىچە، بۈك – باراقسان ئاق قېيىنلىق ئۇفادىن قۇياش نۇرى كۈچلۈك چۈشىدىغان تاشكەنت ۋە ھاۋاسى يېقىشلىق ئاستانىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىزى››نى بويلاپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسايىن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت جانلىق مەنزىرە ئاستا – ئاستا نامايان بولدى.

   بۇ كېچە – كۈندۈز تىرىشىش مۇساپىسى  ‹‹يىغىن يىغىنغا ئۇلىنىپ››، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى؛ كونا دوستلار يۈزتۇرا سۆزلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدەندى.

   بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت  مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، يىراق كەلگۈسى كۆزلىنىپ، ھەم يۇقىرى قاتلاملىق ھەمكارلىق ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەم ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈلدى.

    ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، خەۋپ – خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يىراقنى كۆزلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بېيىتتى.

   ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئەزا دۆلەتلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش››، ‹‹جاپا – مۇشەققەتتە، شەرەپ – نومۇستا بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش››، ‹‹تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئىناق يۇرت – ماكاننى ئورتاق قۇرۇش››... رەئىس شى جىنپىڭ ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ‹‹تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى›› ئىدىيەسىنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق سۆز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشى قاتارلىق جۇڭگو ئىدىيەسى بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى، ئاخباراتى قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆججەتلىرىگە كۆپ قېتىم كىرگۈزۈلدى.

   ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025 – يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى››نى تەستىقلاشقا تۈرتكە بولۇشتىن ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى››نىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يولغا قويۇش تېزىسىنى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىش، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى››نى كېڭىشىپ ئىمزالاشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   2014 – يىلىدىكى دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ رايون خەۋپسىزلىكى يېڭى ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى››نى كېڭىشىپ ئىمزالاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2017 – يىلىدىكى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىردەك بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

   ئېنېرگىيە كۇلۇبى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن مۇداپىئە ئىشلىرى خەۋپسىزلىك مۇنبىرى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا – سانائەت ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق لايىھەسىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇردى.  

   ‹‹ئاۋام بىر مەقسەتتە بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ››. رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەلرايى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدا، ياشلار ئالاقە لاگېرى، ‹‹پەن – تېخنىكا ھەمراھلىق پىلانى››، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش قاتارلىق ھەمكارلىق پىلانلىرى بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلىشىپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى.

   ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان كەڭ قورساقلىق

   ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى رەئىس شى جىنپىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان رايونلارنىڭ بىرى. گىرەلەشكەن تارىخ، تۇتاش چېگرا، زىچ باغلانغان خەۋپسىزلىك مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتى  جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى شاھمات تاختىسىدا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى كۆزنى چاقناتقان بۇ زېمىننىڭ ئورنى مۇھىم، ئەھمىيىتى ئۆزگىچە.

   2013– يىلى 9 – ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە قازاقىستان نەزەربايېۋ داشۆسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ياۋروپا – ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ ‹‹لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان بۇ چوڭ ئىش››نى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىگە ئېلىپ كەلدى.

   ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالتە ئەزا دۆلىتى ۋە بەش كۆزەتكۈچى دۆلىتى قەدىمكى يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان... بىزنىڭ يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار›› بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ‹‹چوڭ ئائىلىسى›› ئەزالىرىغا ئورتاق بەرپا قىلىش كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپى بەردى.

   تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرىدە پار – ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆزبېكىستاننىڭ ‹‹ئانگرېن  پاپ›› تۆمۈريول تونېلىدا قاتناش باشلانغانلىقىغا گۇۋاھچى بولۇش، قازاقىستان زۇڭتۇڭىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى تەقلىدىي ھەيدەشكە تەكلىپ قىلىش... رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىدىيەسىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ‹‹چوڭ ئائىلىسى››نىڭ تەرەققىيات قان تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا، تەرەققىيات يېڭى زېمىنىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولدى.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئارقىلىق ‹‹رىشتە باغلاش›› ئۆتكەن بەش يىلدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلىرى تەشكىلات ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىدۇر.

   ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەشەببۇسى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈرلۈك رايون ھەمكارلىقى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىرىكمە ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشنى بىللە ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل – پاراسىتى ۋە دىپلوماتىيە سەنئىتىنى تېخىمۇ سىنىدى.

   ئۇدۇللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ‹‹جۇڭگو لايىھەسى››دىكى يادرولۇق سۆزلەردۇر. رەئىس شى جىنپىڭ ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئېنىق بايان قىلدى: جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىللە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى قاتارلىق رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسلىرى ۋە قازاقىستاننىڭ ‹‹پارلاق يول›› ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭدا مۇھىم سۇپىلىق رول ئويناۋاتىدۇ.  

   نەزەر دائىرە كەڭ بولغاندىلا، چوڭ ئەندىزە شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

   رۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى پىلانلاش، ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە سۆزلىشىش، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو – بېلارۇسىيە سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىش... رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ‹‹چوڭ ئائىلىسى››دىكى قوش تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلەرنى كۆۋرۈك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2015 – يىلى، جۇڭگو – رۇسىيە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى بىلەن ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئىمزالاپ ئىككى ئايدىن كېيىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئۇفا باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

   جۇڭگو – رۇسىيە – موڭغۇلىيە ئۈچ تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سەپىرى باشلىنىپ، جۇڭگو – ئوتتۇرا ئاسىيا – غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورى، يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇش قاتارلىق تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى... رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق يېڭى يولىنى پىلانلاپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولدى. 2016 – يىلىدىكى تاشكەنت باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ‹‹جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى يىرىك پىلان تېزىسى››نىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھچى بولدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ تۇنجى كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كارىدورى رەسمىي يولغا قويۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.

   گۈزەللىكتىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندىلا، جاھان بىرلىككە كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈرتكىسىدە، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى ئۆزئارا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ ۋە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئۇلۇغ دەۋرىگە كىرىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

   دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يول ئېچىش روھى

   ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنياۋى ئۆزگىرىش داۋامىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈزۈم ۋە مەدەنىيەت پەرقىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى توسالغۇسىنى يېڭىپ، ئەنئەنىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئىتتىپاق تۈزۈش ياكى تىركىشىشتىن ھالقىپ، ئۆزگىچە تەرەققىيات، ھەمكارلىق يولىنى ئاچتى. 17 يىل پىشىپ يېتىلىش ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئۆتتى.

   100 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش تېزلىشىپ، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ھازىرقى دۇنيانىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. ئىچكى جەھەتتە كونا – يېڭى ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا ماسلىشىشتىن تاشقى جەھەتتە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› باش كۆتۈرۈشكىچە، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۇزاققىچە كەينىگە سۈرۈپ ھەل قىلماسلىقتىن قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ دۇنيا ئېقىمىغا قارشى يول تۇتىشىغىچە... يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى خىرىسقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟

   يېڭى جۇڭگونىڭ ئەگرى – توقاي دىپلوماتىيەسىگە گۇۋاھچى بولغان خەلق سارىيىنىڭ فۇجيەن زالىدا، ‹‹ۋۇيىنىڭ باھارى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى سىر رەسىم كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشقا بىر ئايمۇ قالمىغان ۋاقىتتا، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى كاتىبات يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كەينى – كەينىدىن كۆرۈشتى.

   ئەھمىيەت بېرىلىپ، يۆنىلىش كۆرسىتىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتكە يۈزلىنىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ‹‹شاڭخەي روھى››نى قەتئىي ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپەيتىلگەن ئەزالارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.  

    جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئۆتكەن بەش يىلدا جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ دۇنيادا قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرى. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ روھنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىگە سىڭدۈرىدۇ.

   ئۆتكەن بىر يىللىق ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپى››گە نەزەر سالساق، بۇ كۈنتەرتىپ يېڭى ئىزدىنىش، يېڭى ئەمەلىيەتكە تولغانىدى. تۇنجى نۆۋەتلىك ساياھەت مىنىستىرلىرى يىغىنى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار مۇنبىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك پارتىيەلەر مۇنبىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ئىقتىساد ئاقىللار ئامبىرى ئىتتىپاقى قۇرۇش، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى – ئافغانىستان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى›› مېخانىزمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش... بېلارۇسىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىياسىنكوۋىچ باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىدى.

   يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. 17 يىللىق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش داۋامىدا، ‹‹شاڭخەي روھى›› ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي بېيىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېيىتىپ، ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر تۈسى قوشتى.

   ئىنچىكە كۆزەتكۈچىلەر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹ئىككىنى بەرپا قىلىش›› ئىدىيەسىنىڭ يىغىن ئاخباراتىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىدى.

   ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىزچىل <ئىككىنى بەرپا قىلىش>نىڭ ئەمەلىيەتچىسى، ئۈلگىسى بولۇپ كەلدى››. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى سۈن جۇاڭجىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئىدىيەسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى يېڭى مەنىۋى يېتەكچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

   گۈللەر خۇش پۇراق چاچماقتا، ئالدىمىزدىكى يول تېخىمۇ پارلاق. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يېڭى ئېنېرگىيە قوشۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق يۆنىلىش كۆرسىتىلىپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يول ئېچىلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش يېڭى كارتىنىسى سىزىپ چىقىلغۇسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.