تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى بىرلىكتە ياخشى قوغدايمەن

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى رېۋىزىيە باشقارمىسىنىڭ كادىرى گۈلپىيەم تۇردى

    مەن بىر ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن باشلاپ چوڭ بولغىچە يۇرتۇمدىكى كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا ئەمىن ئۆيلەرنىڭ سېلىنغانلىقى، توپىلىق يولنىڭ ئورنىغا تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ياسالغانلىقى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم. مەن ئارزۇيۇمغا يېتىپ، 2005-يىلى جېجياڭ داشۆسىنىڭ قانۇن شۆيۈەنىگە ئۆتۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆتكۈزدۈم ھەم شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۆت يىل ۋاقىتتىكى ھەر بىر كەچۈرمىشىمدىن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىزگە قىلغان ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم: شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولدۇم، بىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مەكتەپ يەنە قىشلىق، يازلىق تەتىلدە بېرىپ-كېلىش كىرايىمىزنى ئۈستىگە ئالدى...
    مەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، يۇرتنى سۆيۈش ھېسسىياتىمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم، 2009-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولدۇم. مەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ خۇددى بىر ئىللىق ئېقىمدەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئۈزلۈكسىز ئىللىتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدۇر.
    مەن ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى، سوت مەھكىمىسىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمەن، چېكىنمەيمەن، قەتئىي مۈجمەل بولمايمەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تىغمۇتىغ ئېلىشىمەن، ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قەتئىي ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايمەن.
    ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا، كاللىمىزنى باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ئاكتىپ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى بىرلىكتە ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى