تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

 ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاينىسا توختاخۇن

    مەن پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر، مەن پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگۈچى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھچى بولدۇم. مەن پارتىيە تاپشۇرغان بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھوشيارلىقىمنى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتەك چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، پوزىتسىيەمنى قەتئىي، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن، پارتىيەگە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن.
    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى شەھەر-يېزىلاردىكى ئۆزگىرىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى ۋە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەيمەن. باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل نىيىتى ۋە رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىمەن.
    ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزۈم ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىپ، سۈپۈرۈپ تاشلاپ، رەزىللىكنى تولۇق، تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى