تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قان كېچىپ ئىنقىلاب مەشئىلىنى ياندۇرغان ۋاڭ شياۋشى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. باش ياز، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭياڭ شەھىرى نىڭشيەن ناھىيە بازىرىنىڭ مياۋجۈ شەرقىي يولىدىكى ۋاڭ شياۋشى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيىنىڭ كۆكۈش تېمى، قىپقىزىل دەرۋازىسى كىشىگە بىر خىل ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۇيغۇ بېرەتتى. كىشىلەر بۇ يەرگە ۋاڭ شياۋشىنىڭ چىنلۇڭدا ئىنقىلاب مەشئىلى ياندۇرغانلىقىدەك ئىش–پائالىيەتلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. خاتىرە سارىيى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزىل مەدەنىيەت روھىنى ھېس قىلىدىغان، قىزىل مەدەنىيەت گېنىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلانغان بولۇپ، ھەر يىلى ۋاڭ شياۋشىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدىغانلار 70 مىڭدىن ئاشىدۇ.

   ۋاڭ شياۋشىنىڭ تەخەللۇسى سۈي ۋۇ بولۇپ، ئۇ 1903 – يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نىڭشيەن ناھىيەسى تەيچاڭ بازىرىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1924–يىلى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى غەربىي شىمال داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ۋاڭ شىياۋشى ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ‹‹يېڭى ياشلار››، ‹‹يېتەكچى›› قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي ژۇرناللارنى ئوقۇغان ھەم ليۇ خەنچۇ، ۋېي يېچوۋ قاتارلىق مەشھۇر كوممۇنىستلار بىلەن تونۇشقان.

    1925–يىلى شاڭخەيدە ‹‹30–ماي قانلىق ۋەقەسى›› يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى مەكتەپتىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شەنشى دۇجۈنى ۋۇ شىنتيەننىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە ‹‹30 – ماي ھەرىكىتى››گە مەدەت بېرىش كۈرىشىگە پائال ئاتلانغان. شۇ ئىشتىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

   1925–يىلى يازدا، ۋاڭ شياۋشى يازلىق تەتىلدە يۇرتى نىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ تەيچاڭ بازىرىغا قايتىپ كېلىپ، رېن دىڭچاڭ، ۋاڭ شياۋشې قاتارلىقلار بىلەن ئىلغار ياشلار تەشكىلاتى  تەيچاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن. بۇ، گەنسۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ئىلغار ياشلار ئىنقىلابىي تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چىنلۇڭدا ئىنقىلاب ئۇرۇقىنى چاچقانلىقىنىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدۇ.

   1927–يىلى 3–ئايدا، فېڭ يۈشياڭنىڭ قىسىمىدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ بوجيەن، دىڭ شياۋپىڭ قاتارلىقلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ۋاڭ شياۋشى گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سالاھىيىتىدە، خۇ يەنجېن قاتارلىق ئۈچ كومپارتىيە ئەزاسى بىلەن لەنجوۋغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. ئۇلار لەنجوۋغا بارغاندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى ئالدى بىلەن گومىنداڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پىرقە بۆلۈمىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالغان، ئۆلكىلىك پىرقە بۆلۈمىدىكى ئىلغار كۈچلەرنى كۈچەيتكەن ھەم لەنجوۋ رايونىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش ۋەزىيىتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لەنجوۋ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئالاھىدە ياچېيكىسىنى قۇرۇپ، باشقا يولداشلار بىلەن بىللە، خەلق ئاممىسىغا يېڭى دېموكراتىك ئىدىيەنى تەشۋىق قىلغان.

   1927 – يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەربىي شىمالدىكى يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر سۇسلىشىپ قالغان. ۋاڭ شياۋشى يەنىلا قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يۇرتى نىڭشيەن ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان ھەم رېن دىڭچاڭ، ۋاڭ شياۋشې قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى بىلەن نىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ تەيچاڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىڭ (شەنشى بىڭشيەن ناھىيەسى) – نىڭ (گەنسۇ نىڭشيەن ناھىيەسى) ياچېيكىسىنى قۇرغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىڭ – نىڭ ياچېيكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ، ئىنقىلابىي ئاممىغا تەشكىلىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىپ، شەنشى ۋە گەنسۇنىڭ نىڭشيەن، چاڭۋۇ، بىڭشيەن، شۈنيى قاتارلىق جايلىرىدا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان ھەم ياشلار ئۇيۇشمىسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، ئىلغار ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەپ، بىر تۈركۈم لۇڭدۇڭ ياشلىرىنى تەربىيەلىگەن ۋە چېنىقتۇرغان.

    پارتىيەنىڭ ‹‹7 – ئاۋغۇست›› يىغىنىدىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دوختۇر سالاھىيىتىدە شەنشى – گەنسۇ چېگراسىدىكى ئون نەچچە ناھىيەنىڭ يېزىلىرىدا  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ھەم ‹‹جۇڭگو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى››،  ‹‹يېزىلارنى تەكشۈرۈش ۋە يېزىلاردىكى سىنىپلار توغرىسىدا تەھلىل›› قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، يېزىلاردا قوراللىق كۈرەش قىلىش يولىدا ئىزدەنگەن. 1928 – يىلى 5 – ئايدا، ۋاڭ شياۋشى نىڭشيەن ياچېيكىسىدىكى يولداشلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، شەنشى بىڭشيەن ناھىيەسىدە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم شەنشى شۈنيى قوزغىلىڭىنى قوزغاپ، ئىنقىلابىي قوراللىق تەشكىلات قۇرغان. شۈنيى قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، زور تەسىر قوزغىغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ تەسىرى  زور دېھقانلار قوراللىق قوزغىلىڭى بولۇپ، پارتىيەنىڭ شەنشى – گەنسۇ چېگرا رايونىدا قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا ۋاڭ شياۋشىنىڭ ئىنقىلابقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ شياۋشى باشقا يولداشلار بىلەن نىڭشيەن ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، دېھقانلارنى داۋاملىق قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىگەن.

   پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نىڭشيەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى ئەكسىيەتچى دائىرىلەرنى ساراسىمىگە سالغان، ئەكسىيەتچى دائىرىلەر ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى قانلىق باستۇرغان. 1928 – يىلى 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ۋاڭ شياۋشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.

   تۈرمىدە ئەكسىيەتچى دائىرىلەر ۋاڭ شياۋشىنى ئۇدا قىيىن – قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلغان بولسىمۇ، ئۇ پولاتتەك ئىرادە ئارقىلىق دۈشمەنگە قارشى قەيسىرانە كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ  مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلىغان، قەتئىي تىز پۈكمەي، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمىغان. شۇ يىلى 12 –  ئاينىڭ 30 – كۈنى دۈشمەنلەر ۋاڭ شياۋشىنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ بارغان، ۋاڭ شياۋشى 25 يېشىدا قۇربان بولغان.

   ‹‹تەنتەنە بىلەن مەدھىيەلەيمەن تىنچلىقنى، پىسەنتىمگە ئالماسمەن زىنداندا يېتىشنى. ئۇرۇلسىمۇ زوراۋاننىڭ قىلىچى، يىگىت ئەگمەس ھەرگىز بېشىنى!››. بۇ، ۋاڭ شياۋشى قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى يېزىپ قالدۇرغان شېئىر بولۇپ، بۇنىڭدا كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان ئېسىل خىسلىتى تولۇق نامايان قىلىنغان.

   ئادەم ئۆلسىمۇ، روھى ئۆلمەيدۇ. 2013 – يىلى 4 – ئايدا نىڭشيەن ناھىيەسىدىكى ۋاڭ شياۋشى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى پۈتتى ھەم سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، خاتىرە سارىيى رەسىم، ماددىي بۇيۇملار، ھەيكەل، يازما ماتېرىياللارنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ شياۋشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربان ۋاڭ شياۋشىنىڭ پائال ئىنقىلابقا ئاتلانغان، قەيسىرانە ئىنقىلابىي ھاياتىنى قايتىدىن نامايان قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى