تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تۆت مىنىستىرلىق: 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەخلەتلەرنى يېزىلارغا يۆتكەش ئاساسىي جەھەتتىن چەكلىنىدۇ

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ تۇرالغۇ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتېڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتېڭى تارتقان <يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى>گە دائىر ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۇرالغۇ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، سۇ مىنىستىرلىقى، يېزا-يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا «غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋە نۇقتىلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ۋە تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، جايلاردىن ئەخلەت دۆۋىسى، ئەخلەت بېسىپ كەتكەن كەنت،  ئەخلەت توسما، سانائەت بۇلغىنىشىنى نۇقتىلىق تۈزەشنى، «تاغلىق رايونلار ۋە يېزىلارغا ئاپىرىش»،  زاپاس مىقدارىنى ئاكتىپ ھەزىم قىلىش، مىقدارنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەھەر-بازار ئەخلىتىنى ئاساسەن چەكلەپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىنى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا يېزىلارغا يۆتكەش مەسىلىسى، يېزا رايونلىرىنىڭ غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋە نۇقتىلىرىنى تۈزەشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشنى تەلەپ قىلدى.
    «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش لازىم. بىرىنچى، شەھەر-يېزا ئەخلەتلىرىنى قالايمىقان دۆۋىلەش، قالايمىقان قويۇشتىن شەكىللەنگەن تۈرلۈك غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت نۇقتىلىرى ھەمدە دەريا (كۆل) ۋە سۇچىلىق تۈگۈنى ئىچىدە بەلگىلىك كۆلەمدە لەيلەپ يۈرگەن ئەخلەتلەرگە نىسبەتەن، ناھىيە (شەھەر، رايون) لەر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى لازىم. ئىككىنچى، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش تۈزەش خىزمەت سۇپىسى خاتىرىسىنى تۇرغۇزۇش لازىم، بۇ ئورۇن، ئاساسلىق تەركىب، دۆۋىلەپ قويۇش مۇددىتى، دۆۋىلەش دائىرىسى، تۈزەش ئۇسۇلى، مەسئۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، شۇ جاينىڭ ئەخلەتلەرنى ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ سىغىمى، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى، غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋە نۇقتىلىرىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈش، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن خىزمەت نىشانى ۋە يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى تۈزۈپ، كونكرېت مەسئۇل ئورۇن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش چارىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تۆتىنچى، غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋە نۇقتىلىرى، دۆۋىلەش كۆلىمى، ئەتراپتىكى مۇھىت قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بۇلغىنىش دەرىجىسى، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ۋە قېزىش شارائىتىنى باھالاش، بىر جايغا بىر سىياسەت تۈزۈش بويىچە تۈزەش تېخنىكا ئۇسۇلىنى بېكىتىش ھەمدە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. بەشىنچى، دومىلىما تۈزەش نومۇر ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، بىر جايدا تاماملانسا، بىر نومۇرنى ئۆچۈرۈش لازىم. ئالتىنچى، غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋىلىرىنى تۈزەش  پۈتۈن جەريانى باشقۇرۇش تىزىملىكىنى بەرپا قىلىش ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىنى خاتىرىلەش، ئەخلەت، بۇلغىنىشنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش لازىم.
    ئاساسلىق غول لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېتىز-ئېرىق، قىيا، جىلغا قاتارلىق رايونلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. ئىجارە بېرىلگەن ۋە ئىجارە ئېلىنغان يەرلەرگە ئەخلەت كۆمۈپ پايدا ئالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىش، ئېغىر بۇلغىشنى پەيدا قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىم؛ ئوغرىلىقچە بۇلغىما قويۇپ بەرگەن، ئوغرىلىقچە ئەخلەت تۆككەن ئورۇن ۋە شەخسلەردىن بىرنى بايقىسا، بىرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرۇش ھەمدە قانۇن بويىچە جازالاش لازىم؛ ئوغرىلىقچە بۇلغىما قويۇپ بەرگەن، ئوغرىلىقچە ئەخلەت تۆككەنلىكى بايقالمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، يېزا-بازاردىن يۇقىرى ئالاقىدار تارماقلار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇش لازىم. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە جازالاش سالمىقىنى كۈچەيتىشتە، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان ئەخلەت، بۇلغىما دائىرىسىنى يۆتكەش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا شەھەر، ناھىيەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىپ، مەسىلە ئېغىر بولغان ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىم. قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەر كونترول قىلىپ چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقى بايقالغان بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم.
    تۇرالغۇ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، سۇ مىنىستىرلىقى، يېزا-يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى مۇپەتتىن قىلىش-باھالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋىلىرىنى تۈزەشنى مەخسۇس مۇپەتتىن قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، قەرەلسىز يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، باشقا جايدا گىرەلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش لازىم، غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋىلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىپ سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېڭى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، غەيرىي مۇنتىزىم ئەخلەت دۆۋىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىگە كۈچىمىگەن، بۇلغىنىش گەۋدىلىك بولغان، جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى ئېغىر مەسىلىلەرنى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى