تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ 5-ئايدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى 140 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى

  ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، كورلا ئايرودۇرۇمى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە جەمئىي كۈتۈۋالغان يولۇچى سانى 144 مىڭ 643 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41 ئاشقان؛ يۈك توشۇش ئايروپىلانلىرى 1555 قېتىم ئۇچۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63 ئاشقان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كورلا ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىغا 14 ھاۋا لىنىيەسى ئاچقان بولۇپ، بولۇپمۇ ئالتاي، يەكەن، خوتەن، شىخەنزە، نارات، چۆچەك، ئاقسۇ، بورتالا، چاقىلىق قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيەلەردە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى تارماق لىنىيەلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا لىنىيەسى يولغا قويۇلماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتكەن؛ كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلىدە يولۇچى توشۇش مىقدارى 648 مىڭ 947 ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان؛ يۈك توشۇش ئايروپىلانلىرى 6179 قېتىم ئۇچۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39 ئاشقان؛ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى