تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋىرى، فوتوسى. 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ سېرىق بۇلاق كەنتىدە، شۇ يەردىكى چارۋىچىلار ئىككى ئاي تۇرمۇش كەچۈرگەن ئەتىيازلىق يايلاقلار بىلەن خوشلىشىپ، كالا-قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ، يازلىق يايلاققا يۆتكەلدى. نەچچە مىڭلىغان قوي، كالىلار چارۋىچىلارنىڭ ھەيدىشىدە، ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ، توپا-چاڭ قوزغىدى، بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن فوتو ھەۋەسكارلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ سېرىق بۇلاق كەنتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكىلەرنىڭ يازلىق يايلاققا يۆتكىلىشىدە چوقۇم ئۆتىدىغان يولى، 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچى 500 مىڭدىن ئارتۇق چارۋىنى ھەيدەپ، يازلىق يايلاققا يۆتكىلىشكە باشلىدى، بۇ جەريانغا 10 كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.