تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەۋرىشىم سۈنئىي تېگىش سەزگۈ نېرۋىسى بارلىققا كەلدى

 

     مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى نەنكەي داشۆسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئېلېكتىرون-ئۇچۇر ۋە ئوپتىكىلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدىكى شۈ ۋېنتاۋ كوللېكتىپى ئامېرىكا، كورېيە ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەۋرىشىم سۈنئىي تېگىش سەزگۈ نېرۋىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولغان سۈنئىي تېرىنى رېئاللىققا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرغان.

  ئادەملەرنىڭ تېرىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ سىستېما ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان رېتسېپتوردا بېسىم، تېمپېراتۇرا، ئورۇن قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرى بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار نېرۋا سىگنالىغا ئۆزگىرىپ، سىرتقى نېرۋا ۋە مەركىزىي نېرۋا ئىچىدە تەدرىجىي يوللىنىدۇ. ئەگەر ماشىنا ئادەملەردىمۇ تېگىش سېزىمىغا ئىگە تېرە بولىدىغان بولسا، ئۇلارمۇ تېمپېراتۇرا، بېسىم، ھەتتا نېرۋا پائالىيىتىنى ھېس قىلالىسا ئۇنداقتا ئۇلار تېخىمۇ كۆپلىگەن يېڭى تېخنىكىلارنىڭ « ئاچقۇچى » نى ئاچقان بولاتتى. جۇڭگو، ئامېرىكا، كورېيە ئالىملىرى تەجرىبىدە ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئورگانىك ماتېرىيالدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەم بەدىنىنىڭ SA-Ⅰتېگىش سەزگۈسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سەزگۈ نېرۋىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. بۇ خىل سۈنئىي سەزگۈ نېرۋىسى ئۈچ يادرولۇق قىسىمدىن تەركىب تاپقان: ئېلېكتىر قارشىلىقلىق بېسىم سېنزورى، ئورگانىك ھالقىسىمان تەۋرەتكۈچ ، سىناپىس كىرىستال لامپا. مەزكۇر سىستېما ئالدى بىلەن بىرقاتار رېتسېپتور ئارقىلىق ئىنچىكە بېسىمنى بىلەلەيدۇ ھەم مۇناسىپ توك بېسىمى ئۆزگىرىشى پەيدا قىلالايدۇ، ئارقىدىن ھالقىسىمان تەۋرەتكۈچ ئارقىلىق توك بېسىمىنى توك ئىمپۇلسى سىگنالىغا ئۆزگەرتىدۇ. كۆپلىگەن ھالقىسىمان تەۋرەتكۈچ توك ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن سىناپىس كىرىستال لامپا ئارقىلىق سىناپىسلىق توك ئېقىمىغا ئۆزگىرىپ، كېيىنكى نېرۋىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ خىل سۈنئىي تېگىش نېرۋا سەزگۈسى ئادەملەر تېرىسىنىڭ تېگىش سېزىمى ئىقتىدارىغا ئىنتايىن ياخشى تەقىلد قىلىنغان بولۇپ، جانلىقلارنىڭ نېرۋا سىگنالى بىلەن باب كېلىدىكەن، ئىجادى ھالدا ئەۋرىشىم سۈنئىي تېگىش سەزگۈ نېرۋىسىنى ياساپ چىققان ھەمدە سۈنئىي تېگىش نېرۋىسى بىلەن ھايۋان نېرۋىسىدىن ھاسىل بولغان ئارىلاش رېفلېكس يايىنى ئىشقا ئاشۇرغان. تەتقىقاتچىلار سۈنئىي تېگىش سەزگۈ نېرۋىسىنى سۈۋەرەك پۇتى بىلەن باغلاش ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ خىل باب كېلىشچانلىقىنى دەلىللىگەن.

  بۇ خىل سۈنئىي تېگىش سەزگۈ نېرۋا سىسىتېمىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان بىئولوگىيەلىك باب كېلىشچانلىققا ، ئەۋرىشىملىككە ۋە يۇقىرى سەزگۈرلۈك دەرىجىسىگە ئىگە، ئۇ يالغان قول-پۇتلاردا ئادەم بەدىنى نېرۋا سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغان سەزگۈنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا يوشۇرۇن ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بۇ خىل سۈنئى سەزگۈ نېرۋىسىنى يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمىگە ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدا ئادەملەرگە ئوخشاش ھېسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ناچار شارائىتتا ئادەملەرنىڭ ئورنىدا خىزمەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى