تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتسە ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ

  سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى » نىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەزى تەتقىقات ۋە ئايرىم دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاختا كومپيۇتېر ياكى يانفوندا ئوقۇشلۇق ئوقۇسا ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىكەن.

  «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار كىچىك بىر تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق بۇ قاراشنى دەلىللىگەن، ئۇلار توققۇز ئادەمنى ئۇيقۇ تەجرىبىخانىسىدا 10 كۈن تۇرغۇزغان. بۇ توققۇز ئادەم ئۇدا بەش كۈن كەچتە تاختا كومپيۇتېردا ئوقۇشلۇق ئوقۇغان، قالغان بەش كۈن باسما بۇيۇملارنى ئوقۇغان. ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار تاكى ئۇخلاپ قالغۇچە خىرە ئۆي ئىچىدە ئوقۇشلۇق ئوقۇغان.

  بۇ تەجرىبىدە بايقىلىشىچە، باسما ئوقۇشلۇق ئوقۇغان ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تاختا كومپيۇتېردا ئوقۇشلۇق ئوقۇغانلارنىڭ ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتى ۋە ئۇخلاش ۋاقتى تېخىمۇ كېيىن بولغان. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇ تەڭشەيدىغان ھورمونى بولغان پاتسىزلانغان قارا ھورمون سەۋىيەسى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋاقتى ئاستىلاپ كەتكەنلىكىدىن ئىكەن. تاختا كومپيۇتېردا ئوقۇشلۇق ئوقۇپ، باسما ئوقۇشلۇق ئوقۇمىغاندا، ئۇلارنىڭ REM ئۇخلاش ۋاقتى، يەنى ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرگەندىكى تېز كۆز ھەرىكىتى باسقۇچىمۇ قىسقىرىغان.

  دوكلاتتا يەنە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ كېچىدىكى ئۇيقۇسى ئازلاپ، ئەتىگىنى سەگەك بولالمايدىغانلىقى ئېيتىلغان.

  مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئورتاق ئاپتورى، بوستون بۇلىگېن ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ نېرۋىشۇناسى جىننې دۇففىي مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ پايدىلىق تەرىپى يوق... ئۇلارنىڭ بىزگە نىسبەتەن بىيولوگىيەلىك ئېففېكتى بار. بۇ ئۈسكۈنىلەر قورامىغا يەتكەنلەرگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، بالىلار ھەم ئۇيقۇسى كەمچىل ياشلارغا تېخىمۇ زىيانلىق».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى