تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئۈچۈن 69 مىڭدىن كۆپرەك جىددىي كىملىك بېجىرىلدى

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگنېتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر ئۈچۈن 69 مىڭدىن ئارتۇق جىددىي كىملىك بېجىردى. 

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كىملىك بېجىرىشىگە ۋاقتىدا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېشىل يول ئېچىپ، ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى، ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى قاتارلىق بىر قاتار خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. كىملىك بېجىرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرگە قارىتا، نەق مەيداندا قوبۇل قىلىپ، بىر-بىرلەپ قاراپ چىقىپ، ئىمزالاپ تارقىتىپ ۋە شۇ كۈنىدە ئۇچۇر يوللاپ، 72 سائەت ئىچىدە كىملىكنى تارقىتىپ، «بىر ئورۇندا بېجىرىپ بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان؛ ئىمتىھان مەزگىلىدە باشقا جايدا ئىمتىھان بېرىدىغان كىملىكى يۈتۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى « پۈتۈن شەھەردە بېجىرىش» نى يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانا ياكى كىنىشكە بېجىرىش زالىغا خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ ۋاقىتلىق كىملىك بېجىرىش ئەمەلگە ئاشقان.

   جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئامانلىقىنى ساقلاش كۈندىلىك مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈرلۈك ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ دائىرىدە دېلو يىپ ئۇچى توپلاپ، مەخسۇس دېلو تەھقىقلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش شايكىسىدىن 17 نى بىتچىت قىلدى، 158 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى توردا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەشكىللىنىپ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش، ئىمتىھان سوئالى ۋە جاۋابىنى ئېلىپ-سېتىش قاتارلىق زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چېتىشلىق زىيانلىق ئۇچۇردىن جەمئىي 2700 دىن كۆپرەكىنى بىر تەرەپ قىلدى. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنە ساقچى كۈچى ۋە ئامانلىق ساقلاش ئاكتىپلىرىنى تەشكىللەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆي، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مېھمانخانا، تورخانا، دۇكان قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار ۋە ئامانلىقى مۇرەككەپ سورۇنلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردى، ئامانلىقى ناچار نۇقتىلاردىن 600 دىن كۆپرەكىنى تۈزىدى، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار ئورۇندىن 5400دىن كۆپرەكىنى رەتكە سالدى ۋە تۈزىدى.

     بۇنىڭدىن سىرت، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدا يول كۆرسىتىش بەلگىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان مۇلازىمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا يېتىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدا مەخسۇس ماشىنا توختىتىش رايونى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇلازىمەت ئاپتوموبىللىرى ۋە ئاتا-ئانىلار ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر تەرتىپلىك توختىتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنداقلا يەنە، ياردەم سوراش قىزىق لىنىيەسى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى جىددىي مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويۇش مېخانىزمىنى ئورناتتى. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنە ھەر خىل تاراتقۇلار ئارقىلىق شاۋقۇننى ئازايتىش، بېسىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ سەپەرگە چىقىش قاتارلىق سەمىمىي ئەسكەرتىشلەرنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ئالدىن سىگنالى، تەبىئىي ئاپەت ۋە يول قاتناش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا يوللاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەپەردە پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى