تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى

 ھازىرغىچە شىنجاڭدا دۆلەتلىك ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلار: نارات مەنزىرە رايونى ۋە بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونىدۇر.

 نارات مەنزىرە رايونى

  نارات مەنزىرە رايونى ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، «چېگرا بوستانلىقى» دەپ نام ئالغان ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدۇ. ناراتنى كىشىلەر بوشلۇقتىكى يايلاق، تىيانشاندىكى يېشىل ئارال دەپ تەرىپلىشىدۇ. نارات دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئېگىز تاغ دەريا ۋادىسىدىكى ئوتلاقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە، ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت ۋە قۇيۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىرىكىپ ئۆزگىچە چېگرا رايون مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونى

  بارلۇق تېغى چاغانتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، پۈتكۈل تاغ تىزمىسى دۆلىتىمىز چېگرىسى ئىچىدە. تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي چېتى مەشھۇر «ئاق تېرەك» چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى، يەنى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئېيتىلىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان ئارمىيە ناخشىسى ــــ«كىچىك ئاق تېرەك» بارلىققا كەلگەن جاي. ھەر يىلى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۇ يەردە ھەر خىل تاغ ياۋا گۈللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، ئەتراپقا خۇش پۇراق چېچىپ، ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى