ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تاماقتىن ئىلگىرى قېتىق ئىچكەندە ياللۇغ ۋە يۇقىرى قان بېسىم ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدىكەن.
ئامېرىكا ۋىسكونسىن داشۆسى مادىسون تارماق مەكتىپى يېمەكلىك ئىلمى شىسىدىكى پىروفېسسور، دوكتور بۇراد بورىن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى ھەيز كېسىلىش ئالدىدا تۇرغان 60 ئايالغا (ئۇ ئاياللارنىڭ يېرىمىدە سېمىزلىك كېسىلى بار، يېرىمىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال) كۈندە تاماقتىن ئىلگىرى 340 گىرام تۆۋەن ياغلىق، تاتلىقراق قېتىق ئىچكۈزگەن، سېلىشتۇرما گۇرۇپپا قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى 60 ئايالغا ئىسسىقلىق مىقدارى تەڭ بولغان سۈت تۈرىدىن بولمىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەرگەن. تەھلىل نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى تاماق يېگەندە كۆپ مىقداردا گۆش ۋە كاربون سۇ بىرىكمىسىنى قوبۇل قىلغان بولسۇن، ئەگەر تاماقتىن ئىلگىرى قېتىق ئىچكەن بولسا، تويۇنغان ياغ پەيدا قىلغان ياللۇغلىنىشنى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىكەن.
سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ سېمىزلىك، مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكى ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتچىلار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قېتىق تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتى سەۋىيەسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىپ، سېمىز بىمارلارنىڭ گىلۇكوزا مېتابولىزم ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، قاندىكى زىيانلىق ياللۇغ خاراكتېرلىك مولېكۇلىنىڭ سانىنى تۆۋەنلىتىدۇ. تەتقىقات جەريانىدا، بۇ خىل پەيتلىك ئۈنۈم توققۇز ھەپتە داۋاملاشقان، تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئاسپىرىنغا ئوخشاش ياللۇغقا قارشى تۇرىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغانغا قارىغاندا، تاماقتىن ئىلگىرى قېتىق ئىچىپ بەرسە ھېچقانداق ئەكس تەسىرى بولمايدۇ، قېتىق ئۇزۇن مەزگىللىك داۋالاشتا ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.