تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تەتقىقاتتا دەسلەپكى باسقۇچتىكى %70 سۈت بېزى راكى بىمارى خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، دېيىلدى

  شياڭگاڭ «شەرق تورى» نىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تېببىي ساھەسىدىكىلەر 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېگەن: دەسلەپكى باسقۇچتىكى %70 سۈت بېزى راكى بىمارى ئۆسمىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلمىسىمۇ ھايات قىلىش نىسبىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ،  شۇنداق بولغاندا بىمارنىڭ زۆرۈر بولمىغان ئازابى يېنىكلەيدۇ. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا كىلىنىكا ئۆسمە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ، «يېڭى ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى» غىمۇ بېسىلغان.

  ھازىرغا قەدەر، قوبۇل قىلغۇچى تەنچە مۇسبەت كېسەللىكىگە ھەمدە HER2 تىپلىق مەنپىي سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولدى، دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئاياللار ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى راك ھۈجەيرىلىرى لىمفا تۈگۈنىگىچە تارقالمىغان دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرغان بولسا، ھورمونلۇق داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ-يوق دېگەننى بېكىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتماقچى ياكى قايتا قوزغىلىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ. ئەمما خىمىيەلىك داۋالىغاندا قۇسۇش، چارچاش، ھامىلىدار بولماسلىقنى، ھەتتا ئاق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ بىمارغا چەكسىز ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

  دوختۇر سۈت بېزى راكى گېن سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ سىناقتا ئەگەر بىمارنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى 25 تىن يۇقىرى بولسا، بۇ بىمار خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر ئىكەن، ئەگەر بىمارنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى 10 دىن تۆۋەن بولسا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

  مەزكۇر تەتقىقاتقا نيۇ يورك ئېينىشتېين تېببىي شۆيۈەنى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلار دەسلەپتە ئون مىڭ ئايالنى ئوبيېكت قىلغان ھەمدە 11 دىن 25 كىچە نومۇرغا ئېرىشكەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كېسىلى قايتا قوزغالغان بىمارلارنى مۇھىم تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. دوختۇر 18 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان بىمارلاردىن تاللاپ، ئايرىم ھالدا ھورمون بىلەن داۋالاشقا خىمىيەلىك داۋالاشنى قوشۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغان، بەزى بىمارلارغا پەقەت ھورمونلۇق داۋالاشلا ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئىككى تۈركۈم كىشىلەرنىڭ توققۇز يىل ياشاش نىسبىتى %94 كە يەتكەن بولۇپ، ئانچە چوڭ پەرق بولمىغان.

  تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئورتاق ئاپتورى، لويولا تېببىي مەركىزىدىكى ئۆسمىشۇناس كاتتى ئالبايىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا ئوخشاش ئىجادى تەتقىقات نەتىجىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، دوختۇرلار بۇ خىل دائىم ئۇچرايدىغان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان %70 بىمارغا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدۇ.

  ئەنگلىيە لوندون خان جەمەتى مارسدېن دوختۇرخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئالىستا رىڭ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەدىكى شىپاخانىلار 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ سۈت بېزى راكىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى