تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تۈرلۈك «غەلىتە» ئىسپاتلار ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىدۇ

    خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، پۈتۈن سىستېما بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەشنى تەلەپ قىلىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش، مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش، نىزاملارنى ئېنىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتتى.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئىسپاتلارنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كارخانا بىلەن ئاممىنى ئاۋارە قىلىدىغان «غەلىتە» ئىسپات، ئايلانما ئىسپات قاتارلىق تۈرلۈك ئورۇنسىز ئىسپاتلار ئومۇميۈزلۈك تازىلىنىدۇ. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھوقۇق تىزىملىكى يەنىمۇ رەتلىنىپ، تىزىملىكنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. مۇلازىمەت ئىستىلى كۈچەپ ياخشىلىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان ئىدىيە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ خۇشال بولۇش-بولماسلىقى، رازى بولۇش-بولماسلىقىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش، خەلقنىڭ قانۇن مۇلازىمەت ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قانائەتلەندۈرۈلىدۇ؛ «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىندا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ قانۇن مۇلازىمەت تور سۇپىسى، ئەمەلىي سۇپا، قىزىق لىنىيە سۇپىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ سۇپا» قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۇپا قۇرۇلۇشىنى «توردا بىر قېتىمدىلا پۈتكۈزۈپ بېجىرىش»، «بىرلا ئىشىكتىن كىرىش»، «ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بىر قېتىم قاتراش» ۋاسىتىسى ۋە يوللىرى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان، قانۇنغا جەمئىي 90 قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، مەمۇرىي نىزاملارغا 207 قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 683 قائىدە تەكشۈرۈلگەن، 473 قانۇن نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنغان، گوۋۇيۈەن ھەمدە تارماقلار ئېنىقلانغان 4400 دىن ئارتۇق ھۆججەتلىرىگە قانۇنىي پىكىر بېرىلگەن؛ مەمۇرىي تەستىق تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بىر تۈركۈم تەستىق تۈرلىرى ۋە ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ۋە تەڭشەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى