تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى نامراتلارغا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى جايىغا ئىشلەتتى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېيپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى بىزىن كەنتىدىكى توققۇز نامرات ئائىلە 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى خوتەن ناھىيەلىك ياڭاق ياغىچىدىن ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئويۇش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، ھەر بىر نامرات ئائىلە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 50 مىڭ يۈەن ‹‹نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل››ى قوشىدىغان، بۇ پۇلنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىلدا نامرات ئائىلىلەرگە تۇراقلىق سېلىنما پايدىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولۇپ پۈتۈشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بىزىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل مەخسۇس كادىرى تۇرسۇن قادىرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئىش ئاخىرى ھەل بولدى: كەنتتىكى 15 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئىشەنچلىك يەرنى ‹‹تاپتى››.

   بىزىن كەنتىنىڭ 1 – شۇجىسى گو خەيبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىزىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› بىلەن بىرلىشىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئائىلىلەرگە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ بەردى، نۇرغۇن نامرات ئائىلىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ باشقۇرۇش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، بىز ئۇلارنىڭ مەبلەغ ئارقىلىق پايدا يارىتىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، سېلىنما خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

   قەرز پۇل تارقىتىلغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى قەرز ئالغان ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قەرزلەرنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم تىزىملاپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، مەبلەغ ئىشلىتىش يولىنىڭ ئىشەنچلىك، خەۋپ – خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. خىزمەت ئەترىتى ئايرىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ بۇ پۇلنى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشكە ئىشلەتكەندىن سىرت، كۆپ قىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇۋاپىق سېلىنما يولى تاپالمىغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ‹‹يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى+نامرات ئاھالە قەرزى›› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قەرزنى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇپ بەردى، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› قەرز مەبلىغىنىڭ ھەقىقىي، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىشلىتىلگەن – ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى نازارەت قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى تىجارەت ۋە تەقسىملەشكە قاتناشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى. بۇ پىكىر يولىنىڭ تۈرتكىسىدە، كۆپلىگەن نامرات ئائىلە خوتەن ناھىيەلىك ياڭاق ياغىچىدىن ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئويۇش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› سالاھىيەت ئىشەنچى، سېلىنما خەۋپ – خەتىرى، مەبلەغ ئىشلىتىش، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، داۋاملىق توختام تۈزۈش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، مەبلەغ ۋە پايدىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

   كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن ماخمۇت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى ماڭا يىلدا 3500 يۈەن پايدا يارىتىپ بېرىدۇ، يەنە مېنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىم كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى