تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قەيسەر جەڭچى بولىمەن

ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان ئىگەمبەردى

   شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشماقتا. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ سۇيىقەستى ۋە ھىيلە – مىكىرلىرى ئالدىدا، بىز چوقۇم مۇستەھكەم سىياسىي مەيداندا تۇرۇپ، مەردانە بولۇپ، ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى قەيسەر جەڭچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك.

   مەن بىر ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدە چوڭ بولدۇم، ھەر مىللەت ئامما ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتەتتۇق، قوشنىلار يېقىن، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتەتتۇق. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا دادام تۈگەپ كەتتى، ئانامنىڭ خىزمىتى يوق ئىدى، بىر ئائىلىدىن ئۈچ بالا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا، تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئانامنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى، كېيىن يەنە بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىمىزغىمۇ ياردەم بەردى، بىز ئالىي مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىقتۇق. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تەدرىجىي بىر رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم، مەن پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەلىگەنلىكى ۋە يېتىشتۈرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى ئىلگىرىلىشىم بولمىغان بولاتتى.

   مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللامنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەتراپىمدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

   ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، نازارەت قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمەن. باشتىن – ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ھەرىكەتتە كۈچلۈك بولىمەن. بولۇپمۇ سىياسىي ئىرادە جەھەتتە كاللامنى ئالاھىدە سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك جەھەتتە پوزىتسىيەمنى ئالاھىدە ئېنىق قىلىپ، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچى جەھەتتە ھەرىكەتتە ئالاھىدە قەتئىي بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچىمۇ مۈجمەللىك قىلمايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەيمەن، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ نوپۇزى ۋە سۈرىنى ھەقىقىي تىكلەيمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا ئۈلگىلىك رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ئۈلگە بولىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چىن كۆڭلۈم، ھەقىقىي ھېسسىياتىم بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى، زور قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى