تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قوغدايمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ لېكتورى ما شياۋيۈ

   شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان – قېرىنداش ئەزاسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈل تېشى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى، ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى تۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ ھەم بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

   مەن ئاددىي ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانام كىچىكىمدىن تارتىپلا ماڭا پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنى پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ؛ مەن ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامغا قارىتىلغان ھەرخىل كۇرسلاردا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مىللەت، دىن سىياسىتى، قانۇن – نىزاملار توغرىسىدا تەشۋىق – تەربىيە خىزمىتى  بىلەن شۇغۇللاندىم. مەيلى قاچان، قەيەردە بولاي، مەن باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم. مەن بۇ بىر مەيدان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە، سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئاشۇرۇپ، ھەر ۋاقىت  كاللامنى سەگەك تۇتۇپ ۋە يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن؛ ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ھالدا بارلىق ھەرىكەتلىرىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مەن قەتئىي ھالدا باشتىن – ئاخىر سىياسىي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا شەرت قويماي، سىياسىي قائىدىگە ئەمەل قىلىشتا مۈجمەل بولماي، سىياسىي تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا چەكتىن ھالقىپ كەتمەي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە  مەيدانىمنى چىڭىتىپ، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ بىمەنە سەپسەتىلىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارىلايمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن.

   مەن شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن – ئاخىر ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى سۇيىقەستى ۋە زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن دىلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولىمەن. بولۇپمۇ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمەن.

   مەن كومپارتىيە ئەزاسى، مەن قەلبىمگە ئاساسىي مەقسەت ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئاممىۋى  مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. خىزمەت جەريانىدا كۇرسانتلارنى تەربىيەلەپ، كۇرسانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۇرسانتلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئوقۇتۇش بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن. مەن پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمەن؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، تۇرمۇشتا ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ئامالنىڭ بارىچە ياردەم بېرىپ، مېھىر – مۇھەببەت، ئىنچىكىلىك ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئاممىغا ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى  يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، تەشەببۇسچىسى ۋە ئەمەلىيەتچىسى بولۇشقا تىرىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى