تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

چىڭداۋ: كاتتا يىغىننىڭ ساھىبخانى، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى نام كارتىسى

مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، چىن يۇڭ

ئىلاۋە:

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدۇ. شىنجاڭدىن باشلىقلار يىغىنىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان بىردىنبىر تاراتقۇ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ شۇنچىلىك يېقىنلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

   چىڭداۋ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ قانداق قىلىپ ياخشى ساھىبخان بولۇپ، يېڭى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ؟ شىنجاڭ بىلەن چىڭداۋ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا قانداق قىلىپ يەنىمۇ چوڭقۇر سىڭىشىدۇ؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قانداق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؟ بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىزدە ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى. مۇخبىرلىرىمىز نەق مەيداندىن ئەۋەتكەن خەۋەر›› سەھىپىسىنى ئېچىپ، يۇغۇرما تاراتقۇ شەكلىدە ئوقۇرمەنلەرنى نەق مەيداندا باشلىقلار يىغىنىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ، ئېچىۋېتىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ نەتىجىلىرىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەيمىز.

   6– ئاينىڭ 7 – كۈنىدىكى چىڭداۋ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى، دېڭىز تۇمانلىرىنىڭ بىردە پەيدا بولۇپ، بىردە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ياپيېشىل تاغ، ئورمانلار بەزىدە سۈپسۈزۈك دېڭىز، كۆپكۆك ئاسماندا ئەكس ئەتسە، بەزىدە سۇس تۇمان ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ، چىڭداۋنىڭ ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن ئىللىقلىق گىرەلەشكەن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلاتتى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، بۇ شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرى رەڭگارەك تۈسكە كىرىپ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، بىنالارغا ئورنىتىلغان چوڭ ئېكراندىكى ‹‹چىڭداۋ سىزنى قارشى ئالىدۇ››، ‹‹ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى››، ‹‹شاڭخەي روھىنى ئەۋج ئالدۇرايلى›› دېگەن تەبرىك سۆزلەردىن ساھىبخاننىڭ جاي – جايلاردىن كېلىدىغان مېھمانلارنى يېپيېڭى روھىي قىياپەت بىلەن كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغانلىقى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

   چىڭداۋ شەھىرى دۇنياۋى سەۋىيە، جۇڭگوچە سالاپەت، شەندۇڭچە ئۇسلۇب، چىڭداۋچە خاسلىق، دېگەن يىغىن ئۆتكۈزۈش نىشانىنى بېكىتكەنىدى، ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملىنىپ، كاتتا يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.

   6– ئاينىڭ 7 – كۈنى، باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزى كۆپ مەيدان تاراتقۇلار زىيارەت پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، كېيىنكى نەچچە كۈندە بۇ پائالىيەتنى يەنە داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتى، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، چىڭداۋنىڭ گۈزەل نام كارتىلىرىنى باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىدۇ.

   بىز شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەيئېر›› گۇرۇھى سانائەت رايونىدا كارخانىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا بەش ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، نەرسە تورى دەۋرىدە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن خېرىدارلارنى بىر گەۋدە قىلىش سودا ئەندىزىسىنى تۇنجى بولۇپ بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن ئېچىۋېتىلگەن ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسىغا ئۆزگىرىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا ۋاكالىتەن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹خەيئېر›› پاكىستان سانائەت رايونى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىدىكى زور بىر تۈركۈم كەسپىي تېخنىكا خادىمىنى يېتىشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى ھەم شۇ جايدىكى يۈرۈشلەشكەن كارخانىلارنىڭ ياساش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى؛ 2016 – يىلى ‹‹خەيئېر›› رۇسىيە توڭلاتقۇ زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ دەۋرىيلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزۈلۈش ۋاقتى قىسقىراپ، مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى؛ 2017 – يىلى ‹‹خەيئېر››نىڭ ھىندىستاندا توڭلاتقۇ ئىشلەپچىقىرىۋاتقىنىغا ئون يىل بولغان پەيتتە، سېتىش كۆلىمىنىڭ ئېشىشى ساھە كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، ھىندىستاننىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق توڭلاتقۇ بازىرىدا 1 – ئورۇننى ئىگىلىدى.

   چىڭداۋ پىلان كۆرگەزمە سارىيىدا، بۇ شەھەرنىڭ ‹‹تەرەققىيات تارىخى››نى كۆرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، بەختكە تولغان، ئىجادچان خەلقئارالىق شەھەر قۇرۇش تەرەققىيات پىلانىدىن بەھرىلەندۇق. چىڭداۋ جۇڭگودىكى زامانىۋى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىدىكى تىرەكلىك ئورنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بىلەن يەنىمۇ جىپسىلىشىدۇ. ھەرقايسى كارخانىلارمۇ شۈبھىسىز ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرىدۇ.

   كاتتا يىغىننىڭ ساھىبخانى ھەمىشە ‹‹پايدا ئالىدۇ››، ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، تەسىرىنى كېڭەيتىپ، پۇرسەتكە ئېرىشىپ، شۇ ئارقىلىق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بىز بۇ جەھەتتە خېلى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. بىز ئىلگىرى بەش نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا – ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى بۇ مۇھىم سۇپىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش جەھەتتە غايەت زور رول ئوينىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدۇق.

   بەش نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تېز تەرەققىيات يولىنى بەرپا قىلىشتىن ھەربىر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قاپلىغان رامكىنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشىگىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

   مەيلى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ياكى ‹‹21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولى›› بولسۇن، مەيلى تىيانشان ئېتىكى ياكى خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلى بولسۇن، بىز شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىشقا ھەقلىقمىزكى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، باراۋەر، كېڭىشىدىغان، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان ‹‹شاڭخەي روھى››نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، چوڭ دۆلەتكە خاس ئېچىۋېتىش نام كارتىسى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، بارغانسېرى جۇلالىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.