تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەتىگەندە ۋېلىسىپىت مىنىپ ياكى پىيادە ئىشقا بېرىش يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

  ئامېرىكا «مۇھاجىرلار گېزىتى تورى» نىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېلىسىپىت مىنىپ ياكى پىيادە ئىشقا بارغاندا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئۈچتىن بىر قىسىم تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ۋېلىسىپىت مىنىپ ياكى پىيادە ئىشقا بېرىپ كېلىدىغانلاردا سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %30 تۆۋەن بولىدىكەن. پۈتۈنلەي ئاپتوموبىل ھەيدىمەيدىغان قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %43 تۆۋەن بولىدىكەن.

  «نيۇيورك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسى، لوندون ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى بىلەن لوندون سەھىيە ۋە ئىسسىق بەلباغ تېبابىتى شۆيۈەنى 360 مىڭ ئەنگلىيەلىكنىڭ ئىشقا بېرىش-كېلىش ئادىتىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەنگلىيەلىك ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بارىدىكەن، ئاران 12دىن بىر قىسىم ئادەم ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بېرىپ كېلىدىغان بولۇپ، سانى ئىنتايىن ئاز ئىكەن.

  ھازىر چېنىقىش كەمچىل بولۇش ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىدىكى تۆتىنچى چوڭ سەۋەب ئىكەن. ئېنگلاندتىلا ئاياللارنىڭ يېرىمى ۋە ئۈچتىن بىر قىسىم ئەرلەر ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكەن.

  ئەنگلىيە يۈرەك فوندى جەمئىيىتىدىكى ئالىي دەرىجىلىك سېسترا مۇررىن تېلبوت مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىزنى كارىۋاتتا 20 مىنۇت ئېغىناپ يېتىۋالامسەن ياكى پىيادە ئىشقا بارامسەن دېسە، بىز كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قايسىسىنى تاللايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما سىز ئەتىسى سەھەردە قوپقاندا كۆپىنچە ھالدا يۈرەك قان تومۇرى ساغلاملىقىڭىزنى ئويلايسىز. ئەتىگەندە ۋېلىسىپىت مىنىپ ياكى پىيادە ئىشقا بېرىشنى تاللىسىڭىز، بىلىپ-بىلمەي ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى